سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 4–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ 36سى بېجىرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 23–كۈنىگە قەدەر ئاپتونوم رايونغا 4–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 44 ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 36سى بېجىرىلگەن.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 4–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 36 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 21 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 5 پارچە، قومۇل شەھىرىنىڭ 3 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 2 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 1 پارچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ 1 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇن تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 11 پارچە، ئاتموسفېرا تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 8 پارچە، چاڭ–توزان تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 7 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، سۇ بۇلغىنىش ۋە ئېكولوگىيە تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە ئىكەن.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەرقايسى ئورۇن، تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىدىكى مەسىلىلەرنى تېزدىن بېجىرىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ھەممە ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇش، بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا ئالدىنقى 4 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىدىن 99ى بېجىرىلىپ بولغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522681