سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2016–يىلىدىن 2030–يىلىغىچە)››نى بېسىپ تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    قاتناش تورى ‹‹ئاخىرقى ئۇچ شەكلى››دىن ‹‹تۈگۈن شەكلى››گە ئۆزگىرىدۇ

    ئاپتونوم رايون يېقىندا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى(2016–يىلىدىن 2030–يىلىغىچە)›› (تۆۋەندە ‹‹يىرىك پىلان›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) نى بېسىپ تارقاتتى. ‹‹يىرىك پىلان››دا 2020–يىلىغا بارغاندا خەلقئارا قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ قاتنىشىنىڭ مەملىكىتىمىز ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ‹‹ئاخىرقى ئۇچ شەكلى›› ئەھۋالى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگىرىپ، ‹‹ئاسىيا–ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى مەركىزى››لىك ئورنى ۋە رولىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە گەۋدىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ‹‹يىرىك پىلان›› دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى چوڭقۇر يولغا قويۇلغان ئارقا كۆرۈنۈشتە شىنجاڭ قاتنىشىنىڭ مەملىكىتىمىز ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئورنى قەدەممۇقەدەم توردىكى ‹‹ئاخىرقى ئۇچ شەكلى››دىن ‹‹ئاسىيا-ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى›› ئورنىغا ئۆزگىرىپ، ‹‹4 كارىدور، 4 ئوق، 4 دەرىجە–قاتلام، قوش ھالقىلىق يېپىق ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك›› ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى بوشلۇقى ئەندىزىسى، ‹‹شەرق، غەرب ئىككى تەرەپكە سوزۇلغان، جەنۇب، شىمال قوش يۆنىلىشتە راۋان بولغان، تۈگۈننىڭ مەركەزلەشتۈرۈش، تارقاقلاشتۇرۇشى قولايلىق›› بولغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش تۈگۈنى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

    ‹‹4 كارىدور، 4 ئوق›› ‹‹شەرق، غەرب راۋان›› بولغان تۆت ئۇنىۋېرسال قاتناش كارىدورى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى شىمال يولى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئوتتۇرا يولى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى جەنۇب يولى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى غەربىي جەنۇبىي يولى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹جەنۇب، شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان›› تۆت ئۇنىۋېرسال قاتناش ئوق لىنىيەسى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى چېگرا بويلاپ دۆلەت مۇداپىئەسى قاتناش ئوق لىنىيەسى، رۇسىيە جۇڭگو پاكىستان خەلقئارا قاتناش ئوق لىنىيەسى، جۇڭگو موڭغۇلىيە خەلقئارا قاتناش ئوق لىنىيەسى، موڭغۇلىيە جۇڭگو پاكىستان خەلقئارا قاتناش ئوق لىنىيەسىنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش.

    ‹‹4 دەرىجە–قاتلاملىق›› ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنىدە شىنجاڭنىڭ بىپايان رايون ئالاھىدىلىكى مەۋقە قىلىنىپ، ئەمەلىي تەرەققىيات شارائىتى بىلەن كەلگۈسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ‹‹4 كارىدور، 4 ئوق›› تىرانسپورت يولىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنىڭ رايون ئورنى ئەھۋالىغا ئاساسەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ خەلقئارالىق، دۆلەت دەرىجىلىك، رايون دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك 4 دەرىجە–قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھىرى بەرپا قىلىنىپ، ‹‹2 يادرو، 5 دەرىجە، 7 مەركەز، كۆپ نۇقتا›› تۈگۈن ئەندىزىسى ماس ھالدا شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

    ‹‹يىرىك پىلان››دا مۇنۇلار ئېنىق بېكىتىلدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭغا كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان تىرانسپورت يولى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، خەلقئارا تىرانسپورت يولى پەرقلىق ياسىلىپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ تىرانسپورت كارىدورىنى تۇتاشتۇرۇش تېزلىتىلىپ، كۆپ قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىنىپ، شەھەر–بازارلاشقان رايون قاتناش تورى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، بىر گەۋدىلەشكەن تىرانسپورت مۇلازىمەت ئىقتىدارى، ئۇچۇرلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

    شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۈستىگە ئالغان، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇشلار، جۈملىدىن خەلقئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭغا كىرىپ – چىقىدىغان يول قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، شەھەر رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى، ئەقلىي قاتناش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522651