سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق جەمئىيەتكە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:

    مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق جەمئىيەتكە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك

    ئاپتونوم رايون 8–ئاينىڭ 23–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى ۋە قايتا تەلەپ قويدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ياخشى ماسلىشىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتكە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن تۇتۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۆزگەرتىش كېرەك. مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق قاتلاممۇ قاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىستىل تۇرغۇزۇپ، ئاممىغا مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى، مۇھىتنى تۈزەش ئىدىيەسى، مۇھىت قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ كۈچى ۋە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى تۇتۇش، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، قائىدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ساختىپەزلىك قىلىش، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىن يوشۇرۇش، ئەپلەپ–سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش خاھىشىنى قەتئىي توسۇپ، مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغاننى قەتئىي جايىدا تۈزىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغاننىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، پاكىتى ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتى تولۇق بولغانلىرىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئاساسى ئېنىق، ئەھۋال روشەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتكوم ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇش، تارماقلار ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتتە بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشى، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1–سېپىگە كۆپرەك بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈشى كېرەك. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتى ۋە ئاپتونوم رايون تاپشۇرغان ئەرزىيەت خېتىنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىشى، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشكىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا تۈزىتىشى، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشى، ‹‹دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىشنى تۈگىتىش››ى كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، رولىنى تەشەببۇسكارلىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش رولىنى بارلىق جەريانغا سىڭدۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق چۆچۈتۈش، چەكلەش رولىنى ئوينىشى كېرەك. ئۇچۇر يوللاش ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۇچۇر يوللاشتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرما، تەدبىر تەلەپلىرى، تۈزىتىش ئۈنۈمى ۋە تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. ئىجابىي تەشۋىقات ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ماسلىشىدىغان، قوللايدىغان ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۆزلەش كېرەك. ھازىرقى مەسىلە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ، كونا مەسىلىلەرنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكى، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى ئۇزاق مەزگىللىك ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522631