سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيەسى يارىتىشقا يۈرۈش قىلىش

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    يېڭى تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەگە دەۋەت قىلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يېڭى نەتىجىگە تۈرتكە بولدى.

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دەۋر ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم ئۇنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

    يېڭى دەۋر يېڭى ئىدىيەگە دەۋەت قىلدى

    تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەرەققىيات ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشنىڭ جەريانى بولۇپ، تەرەققىيات مۇھىتى، تەرەققىيات شارائىتى، تەرەققىيات قارىشىمۇ ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى، دۇچ كەلگەن ئىچكى–تاشقى ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى.

    خەلقئارادىن قارىغاندا، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرنىڭ باش تېمىسى بولۇش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، ئەمما خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرى خېلى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر قاتلاملىق تەڭشىلىش داۋامىدا مۇرەككەپ، ئەگرى–توقاي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئەسلىگە كېلىدۇ، تاشقى مۇھىتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ.

    دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشىنىڭ ئاساسىي ھالىتى ئۆزگەرمىدى، تەرەققىيات ئىستىقبالى يەنىلا كەڭرى بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەخىرسىزلىكى، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش قىيىن بولۇش ۋەزىيىتى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەچكە، ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا يەنە كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ.

    ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلار ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋر ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي پىلان تۈزۈپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىشنى چىقىش قىلىپ، يېڭى ئىدىيەنى شارائىتقا قاراپ ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

    ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇش ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5–ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 5چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ‹‹13–بەش يىل››، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىتقىچە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى يۆنىلىشى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    5 چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ھەم مەسىلىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ھەم نىشانغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئىجادىي تەرەققىياتتا تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ماس تەرەققىياتتا تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ يېشىل تەرەققىياتتا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق، بىللە ياشاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئوچۇق تەرەققىياتتا تەرەققىياتقا ئىچكى، تاشقى جەھەتتىن ھەمتۈرتكە بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ھەمبەھرە تەرەققىياتتا ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي مۇنداق قارىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ تەرەققىيات نەزەرىيەسى بىلەن يىلتىزداش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك ۋە تەرەققىيات دەۋرىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات نەزەرىيەسىدىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    يېڭى ئىدىيە يېڭى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلدى

    ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 2–پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، ئۇدا سەككىز پەسىل %7. 6 – %6.9 گىچە ئېشىشنى ساقلىغان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن، ياخشى ۋەزىيەت تېخىمۇ روشەنلەشكەن.

    بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىزاھاتى. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تەستە قولغا كېلىدىغان شانلىق نەتىجىگە ئېرىشتى.

    بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىز ئىقتىسادى ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىشنى ساقلىدى. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2013–يىلىدىن 2016–يىلغىچە ئېلىمىزنىڭ GDPسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2 ئېشىپ، دۇنيانىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى %.5 2لىك ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ %4لىك ئوتتۇرىچە ئېشىش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. 2016–يىلى ئېلىمىزنىڭ GDPسى 74 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 2012–يىلدىكىنىڭ 1.32 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن؛ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 16 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 2012–يىلدىكىنىڭ 1.36 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

    بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مال باھا ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى. 2013–يىلدىن 2016–يىلغىچە شەھەر، بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا 4 يىل 13 مىليون كىشىدىن ئاشتى، 31 چوڭ شەھەرنىڭ شەھەر–بازارلىرىدىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن %5 ئەتراپىدىكى مۇقىملىقنى ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باھانىڭ ئۆرلەش نىسبىتى مۇقىم بولۇپ، 2013–يىلىدىن 2016–يىلغىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %.0 2 ئاشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ %.2 7لىك يىللىق ئېشىش سۈرئىتى، %2 لىك پۇل پاخاللىق نىسبىتى، %5 ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى، مۇشۇنداق ئايلىنىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن قىممەتلىك، دۇنيا مىقياسىدا ئاز ئۇچرايدۇ.

    بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2016–يىلى ئېلىمىزنىڭ GDPسىنى باھاغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، 11 تىرىليون 200 مىليارد دوللارغا يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %15ىنى ئىگىلەپ، 2012–يىلدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، دۇنيادا 2–ئورۇندا تۇرۇشتەك ھالەتنى مۇقىم ساقلىدى. 2013–يىلىدىن 2016–يىلغىچە ئېلىمىزنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى % 30تىن ئېشىپ، ئامېرىكا، ياۋرو رايونى ۋە ياپونىيەنىڭ تۆھپىسىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ، دۇنيادا 1–ئورۇندا تۇردى. جۇڭگو يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، مۇقىملاشتۇرغۇچ بولۇپ قالدى.

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شىڭ جىخۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يېڭى، ئۇلۇغ غەلىبە.

    يېڭى تەرەققىيات يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى

    يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى جۇڭگو تۇرۇۋاتقان دەۋر ئورنىنى ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلىققا، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى ھالقىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى.

    بۇ ئىجادىي تەرەققىياتقا ئىنتىلگەن بەش يىل

    پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز مۇھىم بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تۈركۈم پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئادەتكە ئايلاندى. 2016–يىلى دۆلەت ئىچىدىكى كۈچكە ئىگە كەشپىيات پاتېنتى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئېشىپ، ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيەدىن قالسىلا، دۇنيادا 3–ئورۇندا تۇرىدىغان، كەشپىيات پاتېنتى مىقدارى مىليوندىن ئاشقان دۆلەتكە ئايلاندى.

    بۇ ماس تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بەرگەن بەش يىل

    ئىقتىسادىي قۇرۇلما تېخىمۇ سەرخىللىشىپ، مۇلازىمەت كەسپى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان ۋە ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدىغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە گەۋدىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە››نى يولغا قويۇش ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹تۆت چوڭ بۆلەك›› ماس قەدەمدە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى يارقىن نۇقتىلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت، يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 7يىل شەھەر–بازار ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، شەھەر–يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى سىجىل كىچىكلىدى.

    بۇ يېشىل تەرەققىيات تەشەببۇس قىلىنغان بەش يىل

    ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2016–يىلى بىرلىكGDPئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 2012–يىلدىكىدىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا %17.9 ۋە %25.4 تۆۋەنلىدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىز كۆك ئاسماننى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسىنى سىجىل ياخشىلىدى.

    بۇ ئوچۇق تەرەققىيات ئاساسىي مۇستەھكەملەنگەن بەش يىل

    ئىمپورت–ئېكسپورت سودىسى مىقدار جەھەتتە كېڭىيىشتىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئاشتى، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشتا يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىشتا ۋە تاشقى مەبلەغ كۆلىمىدە تارىخىي يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىز يەر شارىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، يەر شارى ئىقتىسادى تۈزۈم قۇرۇلۇشى جەريانىدا جۇڭگو ئەقىل–پاراسىتى، جۇڭگو تەدبىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلىدى.

    بۇ ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەش يىل

    ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى نىسبەتەن تېز ئېشىشنى ساقلىدى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھەر بىر كىشىنىڭ كىرىمىنى يىلىغا 2300 يۈەن(2010–يىلىدىكى ئۆزگەرمەس باھا) لىك يېزىلارنىڭ نامراتلىق ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2016–يىلى يېزىلاردىكى نامرات نوپۇس 43 مىليون 350 مىڭ بولۇپ، 2012–يىلىدىكىدىن 55 مىليون 640 مىڭ كىشى ئازايغان، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 مىليون نامرات ئازلىغان. شەھەر–يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيدى.

    ئاۋسترالىيە يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى گو شېڭشياڭ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت 5 چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۆتكىلىگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان، شەكىلنى ئۆزگەرتىدىغان، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىغان توغرا يولدا ماڭدى.

    كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىدە يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ!

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522611