سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىسمىم تەلئەت ئوبۇل، مەن نېمە ئۈچۈن بۇددا دىنى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن؟ بۇ ماقالەم سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ!

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات يۇرتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەلئەت ئوبۇل

    بەزىلەر دائىم مەندىن «سىز ئۇيغۇر تۇرۇپ نېمىشقا بۇددا دىنى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىسىز؟» دەپ سورىغاندا، مەن «كۈسەن مىڭئۆي مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇددا دىنىنىڭ خارابىسى بولۇپلا قالماي، يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى بىر گەۋدە، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنىڭ تارىخىي شاھىتى» دەپ جاۋاب بېرىمەن. مەن تەتقىقاتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىلگىرى كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان، شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى، كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد، كۆپ خىل ئىرق توپلانغان رايون، ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەر مىللەت ئامما شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان.

    ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھەم راۋاجلانغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى شامان دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى، نېستورى دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان؛ تۈرك- رونىك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقنى قوللانغان.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تارىختا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكى ۋە تىلنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن، 10- ئەسىردە بېشبالىق (ھازىرقى جىمىسار)لىق ئۇيغۇر سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ «ئالتۇن يارۇق»، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «ئەۋەلوكىتېشىۋەرە سۈترەسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان.

    ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى گەرچە يېڭى مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ۋە سىغدۇرۇشچان ئالاھىدىلىكى باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمىگەن. ئۆرپ- ئادەت، كىيىم- كېچەك ۋە مۇزىكا- ئۇسسۇل قاتارلىق جەھەتلەردە رەڭدار يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.

    20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئەرەب مەدەنىيىتىنى قارىغۇلارچە ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ، خاتا ھالدا ئاتالمىش «ئەرەب- ئىسلام مەدەنىيىتى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى دەپ قاراپ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقتى ھەم ئۇنىڭدىن چەتنىدى. ھەتتا يەنە بەزىلەردە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەنزۇ مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ دەيدىغان خاتا قاراش شەكىللەندى. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى توغرا شەرھلەش بىلەن بىللە، بايرىقىمىز روشەن ھالدا تۈرلۈك خاتا ئىدىيەۋى ئېقىمنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مىسلىسىز راۋاجلاندى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر «12 مۇقام» ىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك رەتلىگەچكە، ئۇيغۇر مۇقامى ئۆزىنىڭ يەنە بىر باھارىنى كۈتۈۋالدى. 2005- يىل 11- ئاينىڭ 25- كۈنى «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى» ب د ت مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن 3- تۈركۈمدىكى «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى» كاتالوگىغا كىرگۈزۈلدى.

    شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئاز سانلىق مىللەت مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنداق دەيمەنكى، شىنجاڭنىڭ تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلىدە بۈگۈنكىدەك ئىناق، باياشات، بەختىيار، ئاسايىشلىق تۇرمۇش بولۇپ باققان ئەمەس. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇپ، ھەر بىر پۇقرانى ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن بەھرىمەن قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقىدا، قېرىنداش ئۆلكە- شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە شىنجاڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈرۈش قىلماقتىمىز.

    شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان پەيتتە، بىز غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستىگە ھەرگىز سەل قارىماي، ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە قىلىۋاتقان كاشىلىسى ۋە بۇزغۇنچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «پانئىسلامىزم» ۋە «پانتۈركىزم»نىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى، 20- ئەسىرنىڭ 30- ، 40- يىللىرىدا مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىلدى.

    20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىن، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قالدۇقلىرى قايتا باش كۆتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلىدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋپكە ئايلاندى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى بەزى خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئىچكى- تاشقى دۈشمەن كۈچلەر ئوخشاشمىغان يول ۋە ئوخشاشمىغان شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.

    ھازىر تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: مەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى، ئاممىنىڭ تونۇشىنى يېتەكلەشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن؛ «تۆت ئاڭ»نى، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت زور پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىمەن؛ چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، خەتەرگە دۇچ كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىمەن. بىز ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى پاكىز قېزىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىجتىمائي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە كۈچ قوشايلى!

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522571