سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-24

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (1)

    ئىلاۋە

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم ۋە زور تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مۇھىم سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە» ئېلان قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 26- ئىيۇلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ زور سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

    بىر بايراق بار، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بىرنەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى بەدىلىگە بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭغا سانسىزلىغان ئىرادىلىك ئەزىمەتلەرنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن، مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈرىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىش سەپىرىگە باشلىدى.

    بىر يول بار، پارلاق كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم «دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى» دېگەن تۈنۈگۈننى «مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى» دېگەن بۈگۈنگە ھەم «بولسىمۇ يوللار قىيىن، سەپەر ئۇزاق، يېتىمىز دولقۇن يېرىپ مەنزىلگە ساق» دېگەن ئەتىگە تۇتاشتۇردى، ئۇ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلققە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشىنىڭ مۇقەررەر يولى.

    بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى باشلاپ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

    بىزنى روھلاندۇرىدىغىنى شۇكى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چوڭ- چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى

    ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9كە يەتتى!

    دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى تەڭپۇڭسىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو مۇقىم ئەندىزە ۋە ياخشى ھالەت ئارقىلىق كىشىلەر رازى بولغىدەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان جانلىق ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىگە يۈكسىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

    بەش يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش −

    بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى تۈزۈش، بىر قاتار زور فاڭجېن، سىياسەتنى يولغا قويۇش، بىر قاتار زور خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان، ئەمما ھەل بولماي كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلە ھەل بولدى، ئىلگىرى بېجىرمەكچى بولغان، ئەمما بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىش ئاخىر بېجىرىلدى.

    مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى، مەركەز ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى ئۆلچەمدىكى «گۇرۇپپا»، «كومىتېت» نىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئاخبارات جامائەت پىكرى، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدىكى ئالىي دەرىجىلىك يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشىغىچە، رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ئارقىلىق پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى، رەھبەرلىك كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى.

    ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن پارتىيە رەھبەرلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرسەك، يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا كۈچىدۇق». بەش يىل مابەينىدە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك شەكىللەندى، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى ياخشىلىنىپ، سىياسىي ئېكولوگىيە يېڭىلاندى.

    پارتىيە رەھبەرلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بېسىلدى.

    يېڭى نورمال ھالەتكە ئۇيغۇنلىشىش نىشان قىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «گۈزەل جۇڭگو» قۇرۇش ئارزۇ قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ «قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان» جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان نەزەر بىلەن دۆلەت قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىندى؛ «جەڭ قىلايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش» يېتەكچى قىلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ «تىنچ بىللە ئۆتۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش»تەك كەڭ قورساق بولۇش روھى بىلەن چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يولغا قويۇلدى... بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا ھەممە كىشى غەيرەتكە كېلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان تەسىرلىك مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

    بەش يىلدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى −

    بۇ يىل جياڭشى ئۆلكىسىدىكى جىڭگاڭشەن بىلەن خېنەن ئۆلكىسىدىكى لەنكاۋ ناھىيەسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئىلگىرىكى 4 يىلدا جۇڭگودا جەمئىي 55 مىليون 640 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ، ياۋروپادىكى بىرەر چوڭ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا باراۋەر كېلىدۇ.

    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا «بىر كىشىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىگە شاھىت بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت ماھىيەتلىك تەلىپىنى گەۋدىلەندۈردى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقاچقا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلاندى:

    بەش يىلدىن بۇيان، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىجىل چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل تەڭشەلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنياۋى پەن- تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قەدىمى داۋاملىق تېزلەشتى؛

    بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولىنى بويلاپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا تېخىمۇ كېڭەيگەن، ئېچىۋېتىلگەن ئەندىزە بارلىققا كەلتۈرۈلدى؛

    بەش يىلدىن بۇيان، ئىجتىمائىي ئىناقلىقتىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىندى؛

    بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئارقا- ئارقىدىن ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ داغدام قەدەم تاشلاپ، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلاشتى.

    ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش نەزەرىيەۋى پەزىلىتىنى ساقلاپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنى يېڭى باسقۇچقا يۈكسەلدۈرۈش بىلەن بىللە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىمۇ يېڭى مەنزىلگە يۈزلەندۈردى.

    «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن تارتىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگىچە، «تۆت ئىشەنچ»تىن «تۆت ئۇلۇغۋار»غىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقىچە...

    بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىپ، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، لوگىكىسى ئەتراپلىق بولغان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىگە يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشتى.

    «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر ئۇزاق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچقانلىقىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىش يولىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن دېرەك بەردى». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

   1 2 下一页  

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365522441