سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىللىق «قاراكۆل» ئۇسسۇل بايرىمى شاڭخەيدە يېپىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-23

    22-ئاۋغۇست، رۇسىيەلىك ماھىر سىپويېف(ئوڭدا) ۋە رانىس خەلقئارا ئاشكارا كەسپىي گۇرۇپپىنىڭ لاتىن ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىدە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 22 - ئاۋغۇست، 2017-يىللىق «قاراكۆل» ئۇسسۇل بايرىمى شاڭخەيدىكى باۋشەن تەنتەربىيە مەركىزىدە يېپىلدى. بۇ ئۇسسۇل بايرىمى 17-ئاۋغۇست باشلانغانىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى تەخمىنەن 20 مىڭ ئۇسسۇلچى ۋە ئۇسسۇل ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى.

    دۇنيا ئۇسسۇل سەھنىسىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى، دەپ چىرايلىق نامى بار «قاراكۆل» ئۇسسۇل بايرىمى 1920 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ قاراكۆل دېگەن كىچىك بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 92 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇلتۇر تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەدىن ھالقىپ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى، بۇ يىلمۇ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365492881