سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇرۇلتوقايدا «ساھىبجامال تۆگە تاللاش» مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-23

    21-ئاۋغۇست، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇڭگۈر كۆلى بويىدا ئۆزگىچە بىر مەيدان «ساھىبجامال» تۆگە تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدە قازاق مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن «ساھىبجامال» تۆگە تاللاش مۇسابىقىسى، تۆگە سۈتى ئىچىش مۇسابىقىسى، سۈت پەرقلەندۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق قىزىقارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە شاڭخەي، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، جىلىن، فۇجيەن ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365492731