سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسىدە نەمۇنىچىلاردىن بولايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-23

    شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى بۇرمىلاشقا رۇخسەت يوق.

    شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات يۇرتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەلئەت ئوبۇل ئۆز تەتقىقاتى ئارقىلىق ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى، كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد، كۆپ خىل ئىرق توپلاشقان جاي ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ۋەتەننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. تەلئەت ئوبۇل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان يۈكسەك تونۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىغا بولغان توغرا تونۇشى ئاساسىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا تۈرلۈك خاتا ئىدىيەنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىغا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە قىلىۋاتقان كاشىلىسى ۋە بۇزغۇنچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى. تەلئەت ئوبۇلنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئۈزۈل–كېسىل كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    ھازىرقى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتىدە، تەلئەت ئوبۇلغا ئوخشاش زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھەق–ناھەق چېگراسىنى ئېنىق ئايرىشى، مۈجمەل قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن ئىبارەت بۇ جەڭگاھتا مۆتىۋەر يوق، جەڭچىلا بار. شىنجاڭدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەلئەت ئوبۇلغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسىدە تىرىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تارىخنى بۇرمىلايدىغان، ئىغۋا توقۇيدىغان نومۇسسىز ھەرىكىتىنى تولۇق پاش قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا جان پىدا قىلىشى كېرەك.

    تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئېلىمىزدىكى كۆپ مىللەت ئورتاق ياشاپ كەلگەن ماكان، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، ھەر مىللەت ئامما قويۇق ئالاقىلىشىپ، بىر–بىرىگە تايىنىپ ياشاپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان، شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىرتقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرغان، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، ئورتاق ئاچقان–گۈللەندۈرگەن تارىخ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە ۋە كەڭ رېئال ئاساسقا ئىگە. شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بىز تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ، كۆپ خىل دىننىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن تارىخىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى، كۆپ خىل دىننىڭ ئىناق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن تارىخىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەك، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى ئۆگىنىش ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› تەربىيەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى ۋە شەكلى، ئۇ بىزنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.

    تارىخنى بۇرمىلاشقا، ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت يوق، بۇ، بۆسۈشكە بولمايدىغان تۆۋەن چەك. شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسىدە تىرىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشتەك جىنايى قىلمىشىغا سەل قارىماي، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئۇلارنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، زەھەرلىك ئۆسمىنى يىلتىزدىن قۇرۇتۇپ، مەنبەدىن تازىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، توغرا شەرھلەش ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى نەزەرىيە جەھەتتىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئېنىق شەرھلىگەندىلا، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا توغرا ئىدىيەۋى قاراشنى ئاخىرقى ھېسابتا تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى تەتقىق قىلىدىغان نەزەرىيە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدىكى تۈپ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، توغرا شەرھلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئورتاق تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئادەمگە قاراپ تەربىيە بېرىش، ھەر جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈشنى چوڭقۇر، سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي پايدىسى بولۇش، ئۈنۈمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخنىڭ ‹‹جانلىق روھى››نى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئىدىيە بازىسىنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئىگىلىمىگەندە، ئوت–چۆپ بېسىپ كېتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسىدە تىرىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بولغاندىلا، ئاندىن ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، كىشىلەر قەلبىنى تالىشىش، ئاممىنى تالىشىش، بازىنى تالىشىشتىن ئىبارەت بۇ كۈرەشتە دۈشمەن كۈچنىڭ تۈرلۈك ھۇجۇمىنى قەتئىي چېكىندۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365492301