سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 9–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت، پاش قىلىش خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-23

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 19–كۈنى سائەت 23 تىن ئاشقاندا ئاپتونوم رايونىمىزغا 9–تۈركۈمدىكى 76 پارچە ئەرزىيەت، پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 58 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 18 پارچە. ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 58 پارچە ئەرزىيەت خېتى 8–ئاينىڭ 20–كۈنى سەھەر سائەت 1 گىچە تەرتىپ بويىچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بېجىرىشىگە پۈتۈنلەي تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

    9–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت، پاش قىلىش خەتلىرى شىنجاڭدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 30 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %52ىنى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %12ىنى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 6 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %10ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 4 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 3 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2 پارچىدىن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 1 پارچىدىن بولغان. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇندىن بۇلغىنىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت، پاش قىلىش خېتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %23ىنى ئىگىلىگەن. ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى 2–ئورۇندا بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %22ىنى ئىگىلىگەن، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىدىكىلەر %19نى، چاڭ–توزان تۈرىدىكىلەر %10نى، بۇس ۋە سۇ تۈرىدىكى بۇلغىنىش ئوخشاشلا %9نى، ئېكولوگىيە ۋە باشقا تۈردىكىلەر %8نى ئىگىلىگەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۇنجى بولۇپ ئامما ئىنكاس قىلغان ‹‹بورتالا شەھىرى خۇڭدا كالتسىي ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى قويۇپ بەرگەن بۇس ئۆلچەمگە يەتمەي سېسىق پۇراق پەيدا قىلغان، خام ئەشيانى سېلىش ۋە كۈل چىقىرىش ئورنىغا توساق قويۇلمىغان ۋە چاڭ–توزان تازىلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلمىغان، خام ئەشيا دۆۋىلەش مەيدانىغا چاڭ–توزاندىن مۇداپىئەلىنىش تورى ئورنىتىلمىغان، ھاك ئوچۇقچىلىققا دۆۋىلەپ قويۇلغان، چاڭ–توزان بىر قەدەر كۆپ›› دېگەن مەزمۇندىكى ئەرزىيەت، پاش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان. ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەر شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چېتىلىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 19–كۈنى سائەت 24 كىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا جەمئىي 466 پارچە ئەرزىيەت، پاش قىلىش خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 392 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 68 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 6 پارچە ئىكەن. بۇلغىنىشنىڭ تۈرى ئاساسلىقى ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، قاتتىق تاشلاندۇق، سۇ، چاڭ–توزان، بۇس قاتارلىقلار ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365492281