سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش8–گۇرۇپپىسى سانجى ئوبلاستىدا تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەتچىلىك قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-23

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 8–ئاينىڭ 22–كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەتچىلىك قىلدى. گۇرۇپپا باشلىقى لى جياشياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى سانجى شەھىرى ھەم فۇكاڭ شەھىرىدە تۆۋەنگە چۈشۈپ، سانجى شەھىرىنىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈردى.

    سانجى شەھەرلىك ‹‹شىڭلۇڭ›› پار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پاراشوكسىمان كۆمۈر كۈلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەرزىيەت خېتى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 3–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەرزىيەت خېتىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: ‹‹جەنۇبىي يەنئەن يولى <سېنلىن دادى> ئولتۇراق رايونى يېنىدىكى سانجى <غەربىي قىسىم> پار شىركىتى پار قازان زاۋۇتىنىڭ كۆمۈر مەيدانىدا مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلمىغان، بوران چىققاندا بىر قەدەر ئېغىر چاڭ–توزان پەيدا بولىدۇ››.

    نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر سانجى شەھەرلىك ‹‹غەربىي قىسىم›› پار گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى ‹‹شىڭلۇڭ›› پار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پار قازان زاۋۇتىنىڭ كۆمۈر مەيدانىغا مەخسۇس كېلىپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر نەق مەيداندا كۆمۈر مەيدانىدا بۇرۇن دۆۋىلەنگەن داشقاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ پاكىز توشۇلۇپ بولغانلىقىنى، يەر يۈزىگە ياتقۇزۇلغان سۇ تۇرۇبىلىرىدا سۇ پۈركۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 8–ئاينىڭ 14–كۈنى سەھەردە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ئورۇنلاشتۇرۇپ، سانجى شەھىرىنى مۇھىت ئاسراش توغرىسىدىكى ئەرزىيەتنى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى يولغا قويۇشقا بۇيرۇغان. سانجى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى تېزدىن نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان.

    بۇ شىركەتنىڭ داشقال مەيدانى مۇھىتىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن، سانجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ كارخانىنى داشقال مەيدانىدىكى داشقاللارنى پۈتۈنلەي پاكىز توشۇپ بولۇشقا بۇيرۇغان. كارخانا مەسئۇلى داشقاللارنى توشۇشقا 60 ئاپتوموبىل ۋە قاچىلاش–چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈچ يىل دۆۋىلەنگەن 70 مىڭ توننا داشقالنى بەش كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي توشۇپ بولۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى پۈتۈنلەي تۈگەتكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سارقىت ئاقان 8–ئاينىڭ 20–كۈنى بۇ كارخانىغا مەخسۇس كېلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. 8–ئاينىڭ 21–كۈنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىللە نەق مەيدان ئەھۋالىنى كۆردى.

    بۇ كارخانىنىڭ يېنىدىكى ‹‹سېنلىن دادى›› ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىلىرى مۇنداق دېيىشتى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى بەك يۇقىرى ئىكەن، بىز ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى خىزمەتچىلەر دەرھال نەق مەيدانغا كېلىپ ھەل قىلدى. بىز چاڭ–توزان مەسىلىسىدىن ئەمدى غەم قىلمايدىغان بولدۇق، تۇرمۇش مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365492271