سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 3–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ 28ى بېجىرىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-23

    8–ئاينىڭ 22–كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىمچە، 8–ئاينىڭ 22–كۈنىگىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 3–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 37 پارچە ئەرزىيەت خېتى (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ 28ى بېجىرىلگەن، 9ى بېجىرىلىۋېتىپتۇ.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا 3–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 28 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 19 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ 2 پارچىدىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېرا تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، شاۋقۇن تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 9 پارچە، چاڭ–توزان تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە، سۇ بۇلغىنىش تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچە ۋە ئېكولوگىيە تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

    مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار–ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ئورۇنلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە كەم–كوتسىز ماسلىشىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش سانى ۋە رايونلارغا تارقىلىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى پارتىيە گېزىتى، سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، ھۆكۈمەت تور پونكىتى قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق كەينى–كەينىدىن ئاشكارىلىدى، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش نەتىجىسى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە تىپىك ئەھۋاللار قاتارلىق باشقا ئۇچۇرلارنىمۇ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىشىگە قاراپ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئاشكارىلىدى.

    ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئالدىنقى 3 تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ 63ى بېجىرىلگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365492251