سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 9 تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-23

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 9 تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى، بۇ 9 تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

    1. گۇما ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم لى جيادېنىڭ سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. لى جيادې 2014–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن بەرگەن 157 مىڭ يۈەن سوۋغات پۇلى، 4 قاشتېشى ۋە 53 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھاراق–تاماكىنى قوبۇل قىلغان. لى جيادېنىڭ ئىنتىزام–قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان يەنە باشقا مەسىلىلىرى بار. 2017–يىلى 7–ئايدا لى جيادېغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى ھەم ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

    2. ئاقتۇ ناھىيەلىك 2–‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ جىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. جاڭ جىڭ 2015–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى–خىزمەتچىلىرىدىن 52 مىڭ 800 يۈەن سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىپ، بالىلارنىڭ تاماق خىراجىتىدىن 19 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بۇ پۇلنى ئالىي دەرىجىلىك ھاراق–تاماكا سېتىۋېلىشقا، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ مېھمان كۈتۈشكە ئىشلەتكەن. يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى–خىزمەتچىلىرىدىن 9300 يۈەن يىغىپ، سوۋغات بېرىشكە ئىشلەتكەن، ئىشخانىسىنىڭ كۆلىمى ئۆلچەمدىن 27.4 كىۋادرات مېتىر ئېشىپ كەتكەن. 2017–يىلى 6–ئايدا جاڭ جىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى.

    3.توقسۇ ناھىيەلىك يېمەكلىك–دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى يۈەن لياڭيەننىڭ سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. يۈەن لياڭيەن 2013–يىلىدىن 2017–يىلغىچە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىشخانىسىدا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ ‹‹چاغان پەتىسى›› قاتارلىق ناملار بىلەن بەرگەن 48 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 8 قېتىم قوبۇل قىلغان. 2017–يىلى 5–ئايدا يۈەن لياڭيەنگە پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

    4.ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋۇ جيەنمىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. ۋۇ جيەنمىن 2015–يىلى 8–ئايدا بۇلاقتاغ رايونلۇق پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش ئىشخانىسىنىڭ 7 خادىمىنى باشلاپ كورلا شەھىرىدە تەربىيەلىنىشكە قاتناشقان مەزگىلىدە ئاپتوموبىل كۆتۈرە ئېلىپ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق يايلىقى، ئاققۇ كۆلى ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەسى جياڭجۈن مەھكىمىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىپ، 12 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت قىلغان. 2014–يىلى 12–ئايدىن 2016–يىلى 12–ئايغىچە بۇلاقتاغ رايونلۇق پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش ئىشخانىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ‹‹شەرق شامىلى›› ماركىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق پىكاپتىن 3نى ئىجارىگە ئالغان، 2 يىلدا 576 مىڭ يۈەن ئىجارە ھەققى تۆلىگەن، 2017–يىلى 6–ئايدا ۋۇ جيەنمىنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ۋە مەمۇرىي جەھەتتە چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى.

    5. قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ما جىچېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىشنى تەشكىللەش مەسىلىسى. ما جىچېڭ 2013–يىلى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش نامى بىلەن 29 كادىرنى خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ھۆكۈمەت پۇلىدىن 133 مىڭ يۈەن چىقىم قىلغان. ما جىچېڭنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان يەنە باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. 2017–يىلى 6–ئايدا ما جىچېڭغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

    6. قورغاس ناھىيەسى كەڭساي–سايرام كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى لياۋ جۈنلىننىڭ توي–تۆكۈن، ئۆلۈم–يېتىم ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسلىسى. لياۋ جۈنلىن 2017–يىلى 5–ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توي–تۆكۈن، ئۆلۈم–يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە بولغان نازارەتچىلىك، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››ىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوغلىنىڭ تويىنى غۇلجا شەھىرى، قورغاس ناھىيەسىدە ئايرىم–ئايرىم ئۆتكۈزۈپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ 368 مېھمان چاقىرغان، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىدىن 44 كىشىنى چاقىرغان ھەم 37 مىڭ 600 يۈەن سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلغان، ئىشتىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە تەشكىلگە مەلۇم قىلمىغان. 2017–يىلى 7–ئايدا لياۋ جۈنلىنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

    7.تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ساغىم مۇلتاينىڭ ئۆز ئالدىغا قۇرغان ‹‹كىچىك خەزىنە››نى مېھمان چاقىرىپ، سوۋغا بېرىشكە ئىشلىتىش مەسىلىسى. ساغىم مۇلتاي 2013–يىلىدىن 2014–يىلىغىچە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ‹‹كىچىك خەزىنە›› قۇرۇپ، ھېساباتتىن سىرت 63 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، سوۋغات سېتىۋېلىشقا، نەرسە سېتىۋېلىش كارتىسى سوۋغا قىلىشقا ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ–ئىچىشكە ئىشلەتكەن. 2017–يىلى 8–ئايدا ساغىم مۇلتايغا 1 يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

    8.ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى گوجېننىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش مەسىلىسى. چى گوجېن 2015–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىدارىنىڭ ئاپتوموبىلىنى قەشقەر شەھىرى يېزا ئىگىلىك 3–شى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى ئاپىرىش–ئەكىلىشكە كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، چى گوجېننىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان باشقا مەسىلىلىرى بار. 2017–يىلى 7–ئايدا چى گوجېنغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

    9.شىنجاڭ باغراش قومۇشچىلىق (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى سۇڭ جيەنشىننىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. سۇڭ جيەنشىن 2013–يىلىدىن 2016–يىلىغىچە شەخسىي ئىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىش ۋە بېلىق تۇتۇشقا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى 80 قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن، قومۇشچىلىق شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان ھەم ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرمىغان ئەھۋالدا يەنىلا كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ–ئىچىپ، 3 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دۆلەت مەبلىغىنى بۇزۇپ–چېچىپ ئىسراپ قىلغان. سۇڭ جيەنشىننىڭ يەنە ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان باشقا مەسىلىلىرى بار. 2017–يىلى 6–ئايدا سۇڭ جيەنشىنگە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى ھەم ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

    ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى جىددىي سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسراپچىلىق قىلىپ راھەت–پاراغەتكە بېرىلىشتەك يامان كەيپىياتنى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلىدى. بىراق سەگەكلىك بىلەن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ‹‹تۆت خاھىش›› چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن، جاھىل، مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار يەنىلا قەستەن تەلەي سىناپ، ئىنتىزام ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلىماي، ئۆزىنى تارتماي، ئۆزىنى بىلمەي، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى بۇزۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزدى.

    ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋىنتىسىنى چىڭىتىپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم چۈشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات ۋە سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش، بېرىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ–ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا نەرسە سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، قىلچە يول قويماي، ئىنتىزامنى قىلچە يۈز–خاتىر قىلماي ئىجرا قىلىپ، ئۆزىنى تارتمىغان، ئۆزىنى بىلەلمىگەنلەرنى بىردەك قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي ۋە يول قويماي، مىخلىق روھى بىلەن ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365492241