سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەيلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-23

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (1)

 ئىلاۋە: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7–ئاينىڭ 26–كۈنى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم ۋە زور تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مۇھىم سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە›› ئېلان قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 26–ئىيۇلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ زور سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

 بىر بايراق بار، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بىرنەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى بەدىلىگە بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭغا سانسىزلىغان ئىرادىلىك ئەزىمەتلەرنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن، مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈرىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىش سەپىرىگە باشلىدى.

 بىر يول بار، پارلاق كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ‹‹دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى›› دېگەن تۈنۈگۈننى ‹‹مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى›› دېگەن بۈگۈنگە ھەم ‹‹بولسىمۇ يوللار قىيىن، سەپەر ئۇزاق، يېتىمىز دولقۇن يېرىپ مەنزىلگە ساق›› دېگەن ئەتىگە تۇتاشتۇردى، ئۇ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلققە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشىنىڭ مۇقەررەر يولى.

 بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى باشلاپ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

بىزنى روھلاندۇرىدىغىنى شۇكى، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چوڭ–چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى

 ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9كە يەتتى!

 دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى تەڭپۇڭسىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو مۇقىم ئەندىزە ۋە ياخشى ھالەت ئارقىلىق كىشىلەر رازى بولغىدەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان جانلىق ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

 پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىگە يۈكسىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

 بەش يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

 بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى تۈزۈش، بىر قاتار زور فاڭجېن، سىياسەتنى يولغا قويۇش، بىر قاتار زور خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان، ئەمما ھەل بولماي كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلە ھەل بولدى، ئىلگىرى بېجىرمەكچى بولغان، ئەمما بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىش ئاخىر بېجىرىلدى.

 مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى، مەركەز ئارمىيە–خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ‹‹گۇرۇپپا››، ‹‹كومىتېت›› نىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئاخبارات جامائەت پىكرى، ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمىتى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدىكى ئالىي دەرىجىلىك يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشىغىچە، رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ئارقىلىق پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى، رەھبەرلىك كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى.

 ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر تەرەپتىن پارتىيە رەھبەرلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرسەك، يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا كۈچىدۇق››. بەش يىل مابەينىدە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك شەكىللەندى، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى ياخشىلىنىپ، سىياسىي ئېكولوگىيە يېڭىلاندى.

 پارتىيە رەھبەرلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بېسىلدى.

 يېڭى نورمال ھالەتكە ئۇيغۇنلىشىش نىشان قىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ‹‹گۈزەل جۇڭگو›› قۇرۇش ئارزۇ قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ‹‹قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان›› جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان نەزەر بىلەن دۆلەت قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىندى؛ ‹‹جەڭ قىلايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش›› يېتەكچى قىلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ‹‹تىنچ بىللە ئۆتۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش››تەك كەڭ قورساق بولۇش روھى بىلەن چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يولغا قويۇلدى... بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا ھەممە كىشى غەيرەتكە كېلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان تەسىرلىك مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

 بەش يىلدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

 بۇ يىل جياڭشى ئۆلكىسىدىكى جىڭگاڭشەن بىلەن خېنەن ئۆلكىسىدىكى لەنكاۋ ناھىيەسى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئىلگىرىكى 4 يىلدا جۇڭگودا جەمئىي 55 مىليون 640 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ، ياۋروپادىكى بىرەر چوڭ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا باراۋەر كېلىدۇ.

 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ‹‹بىر كىشىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ›› دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىگە شاھىت بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت ماھىيەتلىك تەلىپىنى گەۋدىلەندۈردى.

 پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقاچقا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلاندى:

 بەش يىلدىن بۇيان، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىجىل چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل تەڭشەلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنياۋى پەن–تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قەدىمى داۋاملىق تېزلەشتى؛

 بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولىنى بويلاپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا تېخىمۇ كېڭەيگەن، ئېچىۋېتىلگەن ئەندىزە بارلىققا كەلتۈرۈلدى؛

 بەش يىلدىن بۇيان، ئىجتىمائىي ئىناقلىقتىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىندى؛

 بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئارقا–ئارقىدىن ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ داغدام قەدەم تاشلاپ، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلاشتى.

 ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق.

 پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش نەزەرىيەۋى پەزىلىتىنى ساقلاپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنى يېڭى باسقۇچقا يۈكسەلدۈرۈش بىلەن بىللە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىمۇ يېڭى مەنزىلگە يۈزلەندۈردى.

 ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن تارتىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگىچە، ‹‹تۆت ئىشەنچ››تىن ‹‹تۆت ئۇلۇغۋار››غىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقىچە...

 بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىپ، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، لوگىكىسى ئەتراپلىق بولغان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىگە يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشتى.

 ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر ئۇزاق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچقانلىقىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىش يولىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگونىڭ ئەقىل–پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن دېرەك بەردى››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

 بىز تېخىمۇ سەگەك بولۇشىمىز كېرەككى: ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، نەتىجە ۋە پۇرسەتنىمۇ، كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىك، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنىمۇ كۆرۈشىمىز، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ–خەتەرنى ئويلاپ، خەتەر ئالدىدا ئەمىنلىكنى كۆزلىشىمىز كېرەك

 يېقىندا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچلۈك بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى كۆرۈلدى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك ئۈچ كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون رەھبىرىي كادىرنىڭ جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلدى، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چوڭقۇر تەكشۈرۈش سۇنۇشقا بۇيرۇلدى. ئىككى بەنگۇڭتىڭ نامىدا بىر ئۆلكىگە چىقىرىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا قوللىنىلغان ئىبارىلەرنىڭ بۇنداق قاتتىق، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ بۇنداق كەسكىن بولۇشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

 ‹‹ئۆز ئەيىبىنى ئېچىش››قا، يامانلار بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىشتىن ئىبارەت ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىغا مىسلىسىز سەگەك ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق مۇجەسسەملەنگەن.

 سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش بولغاندا، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرماسلىق كېرەك. تارىخنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو مىسلىسىز پۇرسەتكە ئىگە بولدى ھەم مىسلىسىز مۇرەككەپ ۋەزىپە ۋە مۈشكۈل خىرىسقا دۇچ كەلدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ‹‹تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى››دە تۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ‹‹ئاچقۇچلۇق مەزگىل››نى ئىگىلەشتە جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەك.

 ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى تېما گۇرۇپپىسىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇتەخەسسىسى يەن شۇخەن مۇنداق قارىدى: بۇ، بىزدىن تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت ۋە تېخىمۇ باي مەنىۋى تۇرمۇش يارىتىپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىل، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

 ‹‹ئاچقۇچلۇق مەزگىل››نى ئىگىلەشتە جەزمەن زىممىمىزدىكى بۇرچىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەك.

 زامان ۋە ماكان نۇقتىسىدىن قارىساق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويدى.

 پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن تارتىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىچە بولغان مۇساپىنىڭ يېرىمى تۈگىدى؛ ئېلىمىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.

 ‹‹ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى تارىخىي بۇرچى بىز بىر ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا تاپشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى››. بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خەن جېنفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش–ئاشۇرالماسلىق پارتىيەنىڭ خەلققە بەرگەن دەبدەبىلىك ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ياكى ئاشۇرالماسلىققا چېتىلىدۇ؛ ئومۇمىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش–قويالماسلىق ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش ۋەزىيىتىنى ياخشى باشلاش–باشلىيالماسلىققا، قەدەمنى ياخشى ئېلىش–ئالالماسلىققا چېتىلىدۇ.

 ‹‹ئاچقۇچلۇق مەزگىل››نى ئىگىلەشتە جەزمەن دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ–خەتەر ۋە خىرىسقا نىسبەتەن سەگەك تونۇشقا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئەزەلدىن تۈپتۈز بولماستىن، ئەگرى–توقايلىقلارغا تولغان. ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، چوڭ دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ھەرخىل خەۋپ–خەتەر سايىدەك ئەگىشىۋاتىدۇ؛ 40 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالە تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلغىنى يوق، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ‹‹كۆك نامرات، قىيىنچىلىقى بەك ئېغىر››لار بولۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈرىشى ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچىغا قەدەم قويدى؛ تۇمان–تۈتەكلىك ھاۋا رايى پات–پات كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق ...

 ‹‹بۇ، باش شۇجى ئېيتقان <ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى> نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش خەلقنىڭ قىزغىن ئۈمىدى، ھالبۇكى، تېخىمۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، خەۋپ–خەتەرنى ئۈزۈل–كېسىل تۈگىتىشىمىز كېرەك››. ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى خەن چىڭشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ ‹‹ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى››دە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بىز خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىنى تۇرغۇزۇشىمىز، ئىش قىلىشقا ۋە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇش ئەقىل–پاراسىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

 خەۋپ–خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرمىساق، ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمىسەك، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹لوم تۆمۈرنى بازغانلىيالمايمىز››.

 ئاچقۇچلۇق مەزگىل ئاچقۇچلۇق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشىمىز كېرەك.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت، خەتەر ۋە خىرىس قانچە چوڭ بولغانسېرى، كاللىنى شۇنچە سەگەك تۇتۇپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ–خەتەرنى ئويلاپ، خەتەر ئالدىدا ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، خەۋپ–خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تىرىشىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 بىز ئىرادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەككى: يېڭى تارىخىي پەللىدە چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشىمىز، يېڭىچە روھىي ھالەت ۋە كۈرەش ھالىتى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك

 ھازىر چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۇڭگو توغرىسىدىكى ئوبزورلىرىدا بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىش تۈگەپ، ‹‹جۇڭگو مۆجىزىسى›› دېگەن سۆز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولدى.

 يېڭى تارىخىي پەللىدە دۇنيا ئەھلى جۇڭگونىڭ يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق قانداق يارىتىدىغانلىقىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 26–ئىيۇلدىكى مۇھىم سۆزىدە بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرىلدى

 ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن–ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك››.

 مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ بولمايدۇ.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋرىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرىشى ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان.

 پارتىيە تارىخىشۇناسلىرى پارتىيە 12–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش›› دېگەن بۇ يېڭى ئىلمىي مەسىلە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم››نىڭ باش تېما سۆزىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە 12–قۇرۇلتىيىدىن پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، يېپيېڭى يولنى بويلاپ ئىزدىنىپ ئىلگىرىلىدى. 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسىغا ئايلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەمەلىيەتمۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان باشقا ھېچقانداق ‹‹ئىزم›› يوق.

 يەن شۇخەن مۇنداق دېدى: ياخشى يول تېپىش ئاسان ئەمەس، بىز توغرا دەپ قارىغان، مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىكەنمىز، قەتئىي ئېغىشماي مېڭىشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا چوقۇم ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئۆز يولىمىزدا قەتئىي مېڭىشىمىز كېرەك.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ‹‹يول ئىشەنچى ئاساس، نەزەرىيە ئىشەنچى يېتەكچى، تۈزۈم ئىشەنچى كاپالەت، مەدەنىيەت ئىشەنچى تىرەك، <تۆت ئىشەنچ> ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە بىزنى تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىدۇ››. خەن جېنفېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتساقلا، ھەرقانداق خېيىم–خەتەردىن قورقمايمىز، ھەرقانداق توسالغۇ ئالدىدا گاڭگىراپ قالمايمىز، كونا يولدا ماڭمايمىز، خاتا يولغا كىرىپ قالمايمىز.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

 يېقىندا تارقىتىلغان ‹‹دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››دە مەركەز كارخانىلىرىدا پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)نىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسىنىڭ مۇدىرىيەتكە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جامائەتچىلىك: بۇ تەدبىر دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ، دەپ قارىدى.

 ‹‹پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ <سىرى>››. ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى جۇ لىڭجۈن مۇنداق قارىدى: پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈش ھەم بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

 نەزەرىيە يېڭىلىنىپ تۇرسا، ئىشلىرىمىز ئاندىن راۋاج تاپىدۇ.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم نەزەرىيەنىڭ رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە ئىشەنچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، تېخىمۇ كەڭ نەزەر، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، نەزەرىيەدە ئۈزلۈكسىز نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، يېڭى ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالمايدىغان، مەڭگۈ بىپەرۋالىق قىلمايدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.

 جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى پارتىيە ۋە خەلق نۇرغۇن جاپا–مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ بارلىققا كەلتۈرگەن. يۈز يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشتە يەنىلا جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈشكە تايىنىش كېرەك.

 پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىر قاتار تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت باش تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلاننى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.

 ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېگى–تەكتىدىن ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشتا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك››. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېيلىن مۇنداق دېدى: تاشقا مۆھۈر باسقۇدەك جاسارەت، تۆمۈرنى تۇتسا ئىز قالدۇرغۇدەك ئىرادە ۋە غەيرەت بىلەن يەڭنى تۈرۈپ ئىشلىسەكلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سىمفونىيەسىنى ياڭرىتالايمىز.

 ھەربىر دەۋرنىڭ دەۋر باش تېمىسى، ھەربىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ دەۋر بۇرچى بولىدۇ.

 ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، شانلىق نەتىجىلەر ئىشەنچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ تېخىمۇ گۈزەل، پارلاق ئەتىگە يۈرۈش قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365486381