سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قاناس مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تېز ئاشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-22

    مۇخبىرنىڭ 18-ئاۋغۇست قاناس مەنزىرە رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەنزىرە رايونى ئۇدا 12 كۈندە ھەر كۈنى 30 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى (قېتىم) نى كۈتۈۋالغان، 1-ئاۋغۇستتىن 17-ئاۋغۇستقىچە، قاناس مەنزىرە رايونى جەمئىي 574 مىڭ 605 ساياھەتچى (قېتىم)نى كۈتۈۋالغان. بۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 1 مىليون 600 مىڭ (قېتىم)غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.9 ئاشقان. 2016-يىلى، قاناس مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تۇنجى قېتىم بىر مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى مىليون ئادەم(قېتىم)گە يېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365463791