سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹پەن خۇڭتاۋ ئاكامغا رەھمەت››

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-22

    8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى ياقا بۇلاق كەنتىدىكى خەنزۇ دېھقان پەن خۇڭتاۋ ئىنىسى راھمان ئەمەتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا 40 مىڭ يۈەن پۇل قويۇلغان بانكا كارتىسىنى بېرىپ، راھمان ئەمەتنى باش قېتىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇردى.

    پەن خۇڭتاۋنىڭ ياقا بۇلاق كەنتىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، ئۇ كەنتكە يېڭى كەلگەندىلا راھمان ئەمەت ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بېرىپ، تۇرمۇش جەھەتتىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تۇردى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ دوستلۇقى كۈچىيىپ بىر – بىرىگە ياردەم قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ ئاكا – ئۇكىلاردەك ئىناق ئۆتتى.

    بۇلتۇر پەن خۇڭتاۋ ئۆيىنى يېڭىلاپ سېلىش، ئېغىل – قوتانلىرىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىش، كەنتتىكى ئەمىن ئۆي سالماقچى بولغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە بىر ماشىنا سېمونت سېتىۋېلىپ، سېمونتنى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى بوش يەرگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، سىرتقا ئىش بېجىرىشكە چىقىپ كەتكەندە تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ. پەن خۇڭتاۋنىڭ ئۆيىدە يوقلۇقىدىن خەۋىرى بار راھمان ئەمەت ئايالى بىلەن يامغۇرغا قارىماي بىر مۇنچە لاپاسنى ئېلىپ كېلىپ 40 توننىدىن ئارتۇق سېمونتنى يامغۇردىن ساقلاپ قېلىپ ئاكىسىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. پەن خۇڭتاۋ ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن تەسىرلىنىپ، راھمان ئەمەتنى ئۆز ئىنىسى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ.

    پەن خۇڭتاۋ: مەن كەنتتىن 50 مو يەرنى ھۆددە ئالغان، ھەر يىلى كېۋەز تېرىيمەن، ئىنىم راھمان ئەمەت بوش ۋاقتى بولسىلا مېنىڭ كېۋەزلىرىمنى پەرۋىش قىلىشىپ بېرىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا كېۋەزنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشنى ئۆگىتىمەن. بۇ يىل 5 – ئايدا ئۇ ئەمىن ئۆي سېلىشقا باشلاپ، ھۆكۈمەت بەرگەن تولۇقلىما پۇل بىلەن ئۆيىنىڭ تېمىنى قوپۇرۇپ، ئۆگزىسىنى يېپىپ بولاي دېگەندا پۇلى تۈگەپ قۇرۇلۇش توختاپ قاپتۇ. يېنىدىكى بارلىق پۇلىنى ئەتىيازدا كېۋەز تېرىش ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا سەرپ قىلىۋەتكەچكە، ئۆيىنى پۈتكۈزۈشكە كېتەرلىك مەبلەغنى غەملىيەلمەي، مەندىن پۇل سوراشقا خىجىل بولۇپ، ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بۇ ئىشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن يوقلاپ كەلدىم، دېدى.

    راھمان ئەمەت ماڭا مۇنداق دېدى: مەن پەن خۇڭتاۋ كەنتكە يېڭى كەلگەندە تونۇشقان، ئۇنىڭ ياۋاش، ئاقكۆڭۈل، ئىشچانلىقى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى. بىز تونۇشقاندىن بۇيان ئۇنى دائىم ھۆددە ئالغان ئېتىزىدا ئىشلەۋاتقىنىنى كۆرەتتىم. تۇرمۇشۇم نامراتلىقتا ئۆتسىمۇ ئىلگىرى مەن بوش ۋاقتىم بولسىلا مەھەللىدىكى تەڭتۈشلىرىم بىلەن قارتا ئويناپ، قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ كۈن ئۆتكۈزەتتىم. پەن خۇڭتاۋنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپ، بوش ۋاقتىم بولسىلا ئۇنىڭ تېرىقچىلىق، ئېتىز پەرۋىشىگە ياردەملەشتىم، پەن خۇڭتاۋمۇ ماڭا ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگەتتى. نەتىجىدە، مېنىڭمۇ كىرىمىم ئېشىپ، تۇرمۇشۇم ياخشىلىنىشقا باشلىدى. پەن خۇڭتاۋ يەنە جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالغاندا نەچچە قېتىم ماڭا پۇل بېرىپ تۇردى، بۇ يىل ئەمىن ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلغاندىمۇ ماڭا سېمونت ياردەم قىلدى، بۈگۈن يەنە 40 مىڭ يۈەن پۇل ئېلىپ كەپتۇ. پەن خۇڭتاۋ ئاكامغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، دېدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365463471