سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەپ، ساقلىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش–ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-18

   شى جىنپىڭ سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەپ، ساقلىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش–ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ تەقدىرلەش يىغىنى 8–ئاينىڭ 17–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت سەھىيە–ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت–سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جامائەت ساقلىقىنى ساقلاش ۋە ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق خىزمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ‹‹ھاياتلىقنى ئاسراش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا داۋا قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، مېھىر–مۇھەببەتلىك بولۇش››تەك ئالىيجاناب روھنى يېتىلدۈردى. يولداشلارنىڭ داۋاملىق تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تېببىي تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ، دوختۇرلۇق ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، خەلق تېخىمۇ رازى بولىدىغان سەھىيە–ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ساقلىقنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش–سەھىيە تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئېلىمىزنىڭ سەھىيە – ساغلاملىق ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھى بويىچە، داۋالاش ئىسلاھاتى جېڭىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي داۋالاش–ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ دوختۇرلارغا خاس مېھرىبانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تېخنىكىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپىنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مەملىكىتىمىزنى بالدۇرراق ساغلام، قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، كەسىپنى قەدىرلەپ–تۆھپە قوشۇپ، ساقلىقنى ساقلاپ، ساغلام جۇڭگو ئېھتىياجلىق، خەلق رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، سەھىيە–ساغلاملىق ئىشلىرىدا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 يىغىندا، ‹‹بېتيون مېدالى››غا ئېرىشكەن 19 شەخس، مەملىكەت بويىچە سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى 251 ئىلغار كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى 698 ئىلغار خىزمەتچى ۋە مەملىكەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى 58 ئەمگەك نەمۇنىچىسى تەقدىرلەندى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن 700دىن كۆپرەك كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365361281