سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شاڭخەي ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە 64 ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا بولىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-14

    شىنخۇا تورى، شاڭخەي، 12-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىللىق شاڭخەي ساياھەت بايرىمى 9-سېنتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ مەزگىلدە 60 خىلدىن ئارتۇق ساياھەت بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 64 ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا بولىدىكەن. 2011-يىلىدىن باشلاپ شاڭخەي ھەر يىلى ساياھەت بايرىمىدا بىر ھەپتىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان. بۇ يىلقى ساياھەت بايرىمىدىمۇ بۇ ئەنئەنە داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان. شەرقتىكى مەرۋايىت رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارى، شاڭخەي ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى، شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى، شاڭخەي تەبىئىي مۇزېيى، شاڭخەي جىنماۋ سارىيى 88 قەۋەتلىك تاماشا زالى، شاڭخەي يەرشارى پۇل مۇئامىلە مەركىزى تاماشا زالى، شاڭخەي دېڭىز-ئوكيان سۇ جانلىقلىرى سارىيى، شاڭخەي كۆڭۈل ئېچىش جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا ئېيىتىبار قىلىنىدىكەن، ئېتىبار پائالىيەت ۋاقتى 9-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە بولىدىكەن.

    بۇ قېتىملىق ساياھەت بايرىمىدا «بىر بەلباغ، بىر يولدا ئۇچرىشىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا 60 خىلدىن ئارتۇق ساياھەت بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365253191