سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بېيجىڭ شەھىرىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ سانى يىل ئىچىدە 350 كە يەتكۈزۈلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-14

    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 13-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى، بېيجىڭدا مەھەللە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتىدىن 200 ى قۇرۇلۇپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، يىل ئاخىرى بۇ سان 350 كە يەتكۈزۈلىدىكەن.

    بېيجىڭ شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەي شۇاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېيجىڭدا 2016-يىلى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتى سىناق نۇقتا خىزمىتى  يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان،  ھەر قايسى رايون، كوچا مەھەللىلەر ئورۇن بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ قوللىغان، كەسىپلەشكەن ياشانغانلار مۇلازىمەت كارخانىلىرى يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن 150 ى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە %70 ىدە ماركىلاشقان زەنجىرسىمان تىجارەت ئەمەلگە ئاشقان.

    نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىدە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ سانى 3 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى كۈتۈش ئىقتىدارى ئاجىزلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى بىلەن، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتىغا بولغان ئېھتىياجمۇ بارغانسېرى ئاشقان. يىرىك پىلانغا ئاساسەن، 2020-يىلى بېيجىڭدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتىدىن 1000 ى قۇرۇلۇپ، ياشانغانلار نىسبەتەن كۆپ جاينىڭ ئاساسەن قاپلايدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365253171