سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جەنۇبىي شەھەر ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىغا سېتەبىردە ۋېۋىسكا ئېسىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سانائەت رايونىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى، ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ ، 9 -ئايدا ئىش باشلاش ئۈچۈن تىرىشتى. مۇخبىر 7-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدىن يۇقارقى ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.

    شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق رايونى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى ۋە چاڭشېڭ چوڭ ئەترىتى تۇرۇشلۇق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

    پىلانغا ئاساسەن، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق رايونى تەڭرىتاغ رايونى ئىچىدىن پىلانلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا رايونى، ياۋروپا ئۆرپ - ئادەت مۇلازىمەت سودا رايونى، دالا ئىستىراھەت ئارامگاھى ھەمدە بەش كىلومېتىر رايون قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئالدىن يولغا قويۇلۇپ، رايون ئىچىدىكى يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى ، يول، كۆكەرتىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە، سايباغ رايونى رايونلارنىڭ تەنتەربىيە - ئىستىراھەت مەركىزى، سودا-پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ساغلاملىق كۈتۈنۈش مەركىزى ۋە پەن – تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، نۆۋەتتە ، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى.

    ئىگىلىنىشچە ، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى شەھەر تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365156791