سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 26-ئاۋغۇست باشلىنىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    26-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 26-ئاۋغۇست تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا باشلىنىدۇ.

    ئۈزۈم بايرىمى باشلانغان كۈنى 200 خىل ھۆل، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە ئۈزۈم ھارىقى كۆرگەزمە قىلىنىپ، تېتىپ بېقىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەن جىنچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمى «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، بارلىق پائالىيەتلەردە «ئىنتېرنىت تورى + ساياھەت شەكلى» قوللىنىلىپ، «قەلبىمدىكى ئۈزۈم» تېمىسىدا توردا ماقالە توپلىنىدىكەن، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»بىلەن تۇرپان تارىخى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىنىدىكەن، ئارخېئولوگلار تەشكىللىنىپ، دالا ئەترىتى ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنى قايتا -قايتا كېزىپ چىقىدىكەن، سىرلارنى قېزىش جەريانى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىكەن، پائالىيەت يەنە، سودا كېڭەش پائالىيىتى، مەنزىرە تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ساياھىتى، ئۈزۈم ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش، يېزا-كەنت ساياھىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    بۇ يىلقى ئۈزۈم بايرىمىدا تۇرپاندىكى تۈرى كۆپ، سۈپىتى ئەلا ھۆل، قۇرۇق ئۈزۈملەر ۋە ئۈزۈم ھاراقلىرى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى نامايان قىلىنىدىكەن، تۇرپاننىڭ ئۈزۈم مەدەنىيىتى مەركەزلىك قېزىپ چىقىلىپ، ئۆزىگە خاس مول ساياھەت بايلىقى نامايان قىلىنىپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، مەدەنىيەت بوستانىنىڭ سېھرىي كۈچكە ئىگە ئوبرازى يەنىمۇ يورۇتۇلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365156671