سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزىلىرىدا تېخىمۇ كۆپ بالىلار ھەقسىز يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزىلىرىدا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان دۆلەت ئىلكىدىكى 42 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى بۇ يىل 9 – ئايدا رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزىلىرىدىكى يەسلى يېشىغا توشقان بالىلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. بۇ 42 يەسلىدە 270 سىنىپ يېڭىدىن تەسىس قىلىنىپ، 13 مىڭ 300 بالا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

    ھازىر بۇ 42 يەسلىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، بېزەش ۋە ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ يەسلىلەرنىڭ تۆتى تەڭرىتاغ رايونىدا، بەشى سايباغ رايونىدا، بىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دا، بىرى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا، ئىككىسى بۇلاقتاغ رايونىدا، 12سى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدا، 17سى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ئىكەن. 344 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ يەسلىلەرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 93 مىڭ كىۋادراتمېتىرغا يېتىدىكەن. يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ يەسلىلەرنىڭ قاتتىق دېتالى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە سەپلىنىدىكەن.

    مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شىجۈن مۇنداق دېدى: ھازىر مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى يەسلىنىڭ قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇ 12 يەسلىدە 99 سىنىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 3000 بالا قوبۇل قىلىنىدۇ. 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى 60 سىنىپ ئېچىپ، 2000 بالىنى ئۆيى ئەتراپىدىكى يەسلىگە كىرگۈزۈش پىلانلاندى. مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىنىڭ تېرەكئېقىن قازاق يېزىسىدا قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇلدىن ئىبارەت بەش مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇ يەردىكى ھەر مىللەت بالىلىرى يېڭى يەسلىلەردە بىر سىنىپتا ئوقۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365154081