سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدىكى 38 ياشلىق ئايال بىر يىلدا 50 كىلوگرام ئورۇقلىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    « ئىلگىرى سېمىزلىكتە < تەڭدىشىم يوق > ئىدى، تارازىغا چۈشسەم قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتىم.» دېدى ئۈرۈمچى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ خۇا 9-ئاۋغۇست مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئورۇقلاشتىن ئىلگىرىكى سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ.

    مۇۋەپپەقىيەتلىك 50 كىلو ئورۇقلىغان ۋاڭ خۇانىڭ ھازىر بوي ئېگىزلىكى 1.64، ئېغىرلىقى 74 كىلوگرام كېلىدۇ، ئۇ ئورۇقلىغاندىن كېيىن، چىرايى گۈزەللىشىپ، «ياشىرىپ»لا قالماي، فىگۇرىمۇ ناھايىتى تەڭپۇڭلاشقان. ئۇ ئورۇقلاشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۈرەتلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغاندىن كېيىن نۇرغۇن دوستلار ھەيران قالغان ۋە «50 كىلوگرام؟! بۇ بىر پۈتۈنسۈرۈك ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىنى تاشلىۋەتكەنگە تەڭ، سىز ھەقىقەتەن ئورۇقلاش ساھەسىدىكى ئايال ئىلاھ ئىكەنسىز!» دېگەندەك باھالارنى بەرگەن.

    ۋاڭ خۇانىڭ بىر يىل ئىچىدە 50 كىلوگرام ئورۇقلىغانلىقى ھەممىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان. ئۇ ئىلگىرىكى چاغلىرى ھەققىدە مۇخبىرغا مۇنداى دېدى: دادامنىڭ ئېغىرلىقى 100 كىلوگرام، ئاپامنىڭ 90 كىلوگرام ئىدى، شۇڭا مەن سېمىزلىكىمنى ئىرسىيەت دەپ قاراپ ئورۇقلاشنى ئويلىشىپمۇ باقمىغان، چۈنكى كىچىكىمدىن شۇنداق سېمىز ئىدىم، ھەممىسى مېنى بەك ئوماق دەيتتى، يەنە كېلىپ ئاپام تاماقنىمۇ بەك ئوخشىتاتتى، قۇۋۋەتلىك، مايلىق تاماقلارنى كۆپ يەۋالاتتىم، چوڭ بولغانسېرى ئېغىرلىقىم ئېشىپ باردى، تاماقنىمۇ كۆپ يەيدىغان، ئازراقلا يول ماڭسام ھېرىپ، ئىككى-ئۈچ بېكەت يولغىمۇ تاكسى توسۇيدىغان بولدۇم، تورخانىدا دۇكان باشلىقى بولغاچقا، ئارام ئېلىشىم ياخشى بولمىدى، ھەرىكەتمۇ يوق، شۇڭا، ئېغىرلىقىم زىيادە ئېشىپ كەتتى، ئۆيدىكى تارازىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى 120 كىلوگرام، مەن شۇنداقلا چىقسام سائەت ئىستىرىلكىسى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا باشقا جىڭ تېپىپ چۈشتۈم، ئېغىرلىقىم 123 كىلوگرامغا چىقتى» دېدى.

    زىيادە سېمىزلىك ۋاڭ خۇاغا ئويلىمىغان ئازابلارنى ئېلىپ كەلدى: قان قەنتى يۇقىرىلاش، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي زىيادىلىشىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، ھامىلىدار بولالماسلىق ... ۋاڭ خۇا 23 يېشىدا توي قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە پەرزەنتلىك بولالمىدى، دوختۇر ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇلارغا سېمىزلىك قوشۇلغانلىقتىن ھامىلىدار بولالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ساغلاملىق ئارزۇسى، ئانا بولۇش ئۈمىدى ۋاڭ خۇانى ئاخىر بىر قارارغا كېلىشكە يېتەكلىدى: «چوقۇم ئورۇقلايمەن، بولمىسا، بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتكۈدەكمەن!»

    ۋاڭ خۇا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، جەمئىي 30-40 مىڭ يۈەنلىك ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى يەپ باققان، بىراق ھەرىكەت مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن ئورۇقلىيالمىغانىدى، ئاخىر ئۇ «ئاغزىنى يىغىش»نى قارار قىلدى. بۇلتۇر مايدىن باشلاپ ئۇنىڭ تاماق تىزىملىكىدە پەقەت سۈت، قېتىق، مېۋە، كۆكتاتلا بولدى. ماي تەركىبى تۆۋەن، كۆكتات ئاساس قىلىنغان تاماقلارنى يېدى، گۆشنى پەقەت چىدىيالمىغاندىلا ئازراق «تېتىدى»، ئاساسلىق تاماقنى ئاز يېدى، كۆكتات قورۇمىسى قورۇغاندا ماي، تۇزنى ئاز سالدى. ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ ئىشلارغا ئادەتلىنىۋالغاندىن كېيىن، تورخانىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ھەرىكەت قىلىشنى باشلىدى، دەسلەپتە 800 مېتىرغا يۈگۈرۈپ باققانىدى، ھاسىراپ دېمىنى ئالالماي ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا ھېسىياتقا كەلدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە:«مۇشۇ ھېسىياتنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت، بىر كاپام ئاشنى ئارتۇق يېسەك مۇشۇ ئاقىۋەتكە قالىسەن» دەپ ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن پىيادە مېڭىشنى تاللىدى، ھەر كۈنى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدىن، جەنۇبىي ۋوگزالغا بىر يېرىم سائەت پىيادە بېرىپ كەلدى.

    بۇ يىل يازغىچە ۋاڭ خۇا 50 كىلوگرام ئورۇقلاپ، 73 كىلوگرامغا چۈشتى، ئۇنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغانلار ئۇنى كۆرگەندە ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالاتتى ۋە ئۇلاپلا: «ۋاھ، قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا ئورۇقلىغانسەن؟!...» دەپ سورايتتى.

    ۋاڭ خۇا مۇخبىرغا:« 80 كىلوگرامغا چۈشكەندە پەقەت ئورۇقلىماي خېلى بىر ۋاققىچە ئەسلى ھالىتىمدە تۇردۇم، بۇ مەزگىل ئورۇقلاش تولىمۇ تەس مەزگىل ئىكەن، بىراق، بۇ چاغدا بەل قويۇۋەتسەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئېغىرلىق ئاسانلا ئارقىغا يانىدىغان مەزگىل، شۇڭا غەيرەت قىلىپ يۈرۈپ بۇنىڭدىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتىم. ئىلگىرى پۈتۈنلەي چوڭ نومۇرلۇق كىيىملەرنى كىيەتتىم، ئۇلار مېنى تېخىمۇ چوڭ چىراي قىلىپ قوياتتى، ئەمدى قانداق كىيىنگۈم كەلسە كىيىنەلەيمەن، بۇ بىر يىلدىكى تىرىشچانلىقىم ماڭا بەئەينى رەڭدار دۇنيانى قايتىدىن يېنىمغا ئەكىلىپ قويغاندەك بولدى، مەن داۋاملىق بەدەن چېنىقتۇرىۋاتىمەن، بۇنداق بولغاندا بوشىشىپ كەتكەن تېرىلىرىم، مۇسكۇللىرىم چىڭىيىدۇ ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا 65 كىلوگرامغا ئورۇقلىيالايمەن» دېدى ئۇ.

    ۋاڭ خۇانىڭ قەيسەر ئىرادىسىغا يولدىشىمۇ قول قويدى، ئۇنى ئىزچىل قوللىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئورۇقلاشتىكى مەخپىي رىتسېپىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئېرىنمەي ئېيتىپ بېرىش بىلەن بىرگە «ئەڭ مۇھىمى پەقەت ئىككى خەت: قەيسەر ئىرادە» دېدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365153941