سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن تارماقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن تارماقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى، قايتا سەپەرۋەر قىلىش، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ۋە ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ھەم بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى:

    ساغلام كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەيمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 8–ئاينىڭ 8–كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قايتا سەپەرۋەر قىلىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇخپۇل ئابلىمىت مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.

    يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش پائالىيىتى، كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىدە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چېنىقتۇرۇپ، ئاممىۋى ئاساس ۋە ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلىدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى سىياسىي جەھەتتىكى ئۈلگىلىك رولىنى چوقۇم جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق كۈچەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇپ، كۈرەش جەريانىدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى سىنىشى كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خاتا قاراشلارنى يىلتىزىدىن قېزىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، بىلىش بىلەن ھەرىكەتنى تىرىشىپ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا، كەم–كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى:

    داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئالىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 8–ئاينىڭ 7–كۈنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىدارە سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش زور كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە سەپەرۋەر قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كەسكىن كۈرەشتە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش؛ دىققەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسىمى بېرىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، قايتا–قايتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مەزمۇننى مەنبەدىن ياخشىلاش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەزمۇنىنى ئۆز خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خاتا قاراشلارنى يىلتىزىدىن قېزىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ۋەدە بېرىش ۋە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئۆلچەملىك، كونكرېت قىلىپ، تونۇش بىلەن ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىشتا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل باھالاش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى سىستېمىسى:

    پائالىيەتنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى سىستېمىسى 8–ئاينىڭ 8–كۈنى چۈشتىن كېيىن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىنلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سىستېمىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيە ۋە تونۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاپ، بۇ پائالىيەتنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەرقانداق ئەھۋالدا قائىدىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى بىلىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن–ئاخىر بايرىقىنى روشەن، مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىشى، تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، تىلى بىلەن دىلىنى بىردەك قىلىشى، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇشى، قەدىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئويلىشى، زېھنىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قويۇشى، باشلامچىلىق بىلەن پىكىر قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قارىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەدە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك. تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا كۈچەپ، خاتا قاراشلارنى يىلتىزىدىن قېزىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش–تەربىيەسى ۋە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365153651