سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر(2)

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر شەرھلەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ ئالاھىدە كۆرسەتتى: ‹‹بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك››.

    نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورماللىقىغا ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى سىياسىي كەيپىيات، تەرەققىيات كەيپىياتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىلدى.

    يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك

    دولقۇن توختى (ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر): مۇقىملىقنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئېلىمىز ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پىلانلىشىمىز ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق تۈزۈلمە–مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى كونا ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تېزلىتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپى ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

    ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. 1–كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2–كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3–كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشقا يەنىمۇ كۈچەپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئالاقىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان چوڭ تۈرلەر ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇندىشىمىز كېرەك. شەھەر–يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنى يادرو قىلغان بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

    يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئاپئاق قار، كۆپكۆك مۇزنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى مەنئى قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى ياپيېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئوچۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ئۆزلىشىپ، بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە–مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

    ھەمبەھرە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. دىققىتىمىزنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە چېگرا رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، خەلققە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ھەم ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

    خەلقنى مەركەز قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك

    ۋاڭ خۇڭلى (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى): باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەر چوڭقۇر شەرھلەندى، بۇ بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم فاڭجېن–سىياسەتلەر، بىر قاتار چوڭ خىزمەتلەر بېكىتىلگەچكە ۋە يولغا قويۇلغاچقىلا، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان، ئەمما بېجىرەلمىگەن چوڭ ئىشلار بېجىرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى تارىخىي مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بەردى.

    بەش يىلدىن بۇيان، بىز ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئەمەل قىلىپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى كۆرۈنەرلىك كېڭىيىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2012–يىلىدىكى 750 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن 2016–يىلىدىكى 961 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

    تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلىشىمىز، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىشىمىز، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. بىز خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەڭ ئاۋۋال خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››نى ئۇدا يولغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئەمەلدە كۆرسەتتۇق.

    ‹‹دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى، ئەڭ چوڭ ئەمەلىيىتى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ تەرەققىياتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىمىز ۋە كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكى قەتئىي ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى داۋاملىق قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ دادىل قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك.

    يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك

    جۇ شياۋ (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى): پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋر ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم ئۇنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

    13–بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ماسلىشىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈردى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى تەمىنات، يېڭى ئېھتىياج ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە ۋە يېتىلمەكتە.

    جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹ئۈنۈمى تېز›› تۈرلەر، توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى. شەھەر- يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى GDP بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇلدى. 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭدىكى شەھەر–بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %7.9، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %8.1 ئېشىپ، GDPنىڭ ئېشىشىدىن يۇقىرى بولۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى سىجىل كىچىكلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر–يېزىلارنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئورتاق قۇرۇش، ھەمبەھرىلىنىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى يېتەكلەيدىغان كۈچلۈك ‹‹موتور››غا ئايلاندى، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى تېز شەكىللىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. 2016–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 2 مىليارد 160 مىليون دوللار، ئىمپورت–ئېكسپورت سوممىسى 118 مىليارد 40 مىليون دوللار بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سالغان كارخانا 550كە يەتتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ كېلىشىمدىكى مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 123 مىليون دوللار بولۇپ، تۈرلەر 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى.

    يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قەتئىي بوشاشماي يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، جەسۇرانە ئىلگىرىلەش داۋامىدا، مۇلازىمەت كەسپى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىستېمال تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە، رايون تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسى، يېڭى يارقىن نۇقتىلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكا كەسىپلىرى گۈللەنمەكتە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى پەللىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھالقىشقا ئېرىشمەكتە.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365153601