سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالالايدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولىمىز

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

    ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس–بەستە مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي مەيدانىمىزنى ئېنىق، ھەق–ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمىمىزنى روشەن، غايە–ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالالايدىغان ياش ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

    قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىستۇدېنت پارتىيە ئەزاسى ئېرزات مۇنداق دېدى: ياشلار كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يان تېلېفون، تور قاتارلىق زامانىۋى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتا سىڭدۈرمىچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت جىنايى غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

    شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر تۇردى مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى ھاۋا بىلەن سۇغا ئوخشاش ھەر ۋاقىت كەم بولسا بولمايدۇ. دۈشمەن بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزدىن قورقىدۇ، بۇ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ دۈشمەن ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانسېرى، بىز تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك! مەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن!

    شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تاراتقۇ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شۈ پېڭۋېي مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئىدىيە جەھەتتە تونۇش ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ئەمەلدە كۆرسىتىش ھەممىدىن مۇھىم، بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز.

    تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى سۇچىلىق ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاماننىسا تاش مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دەۋر ساداسىغا تىرىشىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۈلگىلەردىن بولىمىز.

    پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان تيەنجىن شەھەرلىك 45–ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەردان مەمەت مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار، مەن قەيسەرلىك بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئايرىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن.

    غەربىي جەنۇب سىياسىي – قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئانارگۈل ۋالمان مۇنداق دېدى: پارتىيە بىزگە ئوخشاش سان–ساناقسىز دېھقان–چارۋىچى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزدى، ئىچكىرى ئۆلكىگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ھەر ۋاقىت شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىدىن قاتتىق غەزەپلەندىم، كىشىلەر ئۇلارنىڭ نومۇسسىز قىلمىشلىرىغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئىستۇدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ، غايە–ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىمەن. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش پوزىتسىيەم بىلەن پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلىگەن شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

    شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋۇ يانەن مۇنداق دېدى: زامانىۋى ئىستۇدېنت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365153581