سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قاراقاش ئۈمىد كوماندىسى «گۈيئەن لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    شىنجاڭ قاراقاش ئۈمىد كوماندىسى بىلەن چۇڭچىڭ يۆنېڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.(سۈرەتنى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

     گۈيئەن يېڭى رايونىنىڭ 2017-يىللىق «گۈيئەن لوڭقىسى» نى تالىشىش مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 7-ئاۋغۇست گۈيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھىرىدە ئاياغلاشتى. يەتتە كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ قاراقاش ئۈمىد كوماندىسى U12 مۇسابىقىسىدە ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا 2گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇق تاجىنى تاقىدى.

    «گۈيئەن لوڭقىسى» نى تالىشىش مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنى گۈيئەن يېڭى رايونى ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، گۈيجۇ، خېبېي، سىچۇەن، شىنجاڭ، چۇڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىن 40 نەچچە كوماندا قاتناشتى. تەكلىپ مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا U8 ،U9، ئارىلاشما قاتارلىق كۆپ گۇرۇپپا بويىچە مۇسابىقىنى قانات يايدۇردى. قاراقاش ئۈمىد كوماندىسى شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى سۈپىتىدە U12 گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، توققۇز كوماندا بىلەن چىمپىيونلۇقنى تالاشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365126221