سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بورتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تېزلىكتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنى يۆتكەپ، خەۋپتىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

    9-ئاۋغۇست سائەت 7:27 ئۆتكەندە شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 44.27 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.89 گىرادۇس) دە 6.6 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر بولدى. تەۋرەش مەركىزىنىڭ جىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 37 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىدە تەۋرەش كۈچلۈك بولغان، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن. كونكرېت ئاپەت ئەھۋالى ھازىر ئېنىقلىنىۋېتىپتۇ.

    يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دەل ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تېزلىكتە كۈچ تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ئاممىنى تېزلىكتە تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەت ئەھۋالىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، ئاپەت ۋە خەۋپتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتتىن قاتتىن مۇداپىئەلىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئاپەت رايونىغا تېزلىكتە يېتىپ بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بورتالا ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يەر تەۋرەش، ئوت مۇداپىئە، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، قاتناش، ئالاقە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى باشلاپ، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايوندىكى بىرىنچى سەپكە يېتىپ بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى. شۇ يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېزلىكتە جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى، چېگرا مۇداپىئە، ئوت مۇداپىئە، قاتناش، سەھىيە قاتارلىق كۈچلەرنى تەشكىللەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365126011