سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2020-يىلىغا بارغاندا، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىنىڭ سىغىمى 1 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-08

    5021 سائەت، 4739 سائەت، 4329 سائەت، 4165 سائەت ... 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوت ئېلېكتىردىن پايدىلىنىش ۋاقتى يىلمۇ يىل چۈشۈپ، 2016-يىلى پايدىلانغان ۋاقىت 50 يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى. توك چىقىرىش ۋاقتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى پۈتكۈل مەملىكەتتىكى كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىنىڭ سىغىمى 1 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات ئىچىدە تىزگىنلىنىدىكەن، شارائىتى ماس كەلگەن كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېېراتورلار سىغىمى ئەڭ تۆۋەن قويۇپ بېرىش ئۆزگىرىشى شارائىتىغا ماسلىشىدىكەن، كۆمۈر ئېلېكتىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەيدىغان كۆمۈر سەرپىياتى ھەر كىلوۋات سائىتىگە 310 گىرامغا چۈشۈرۈلىدىكەن.

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365090591