سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-08

    ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

    بەزى مۇھىم تارىخىي پەيتلەر ھەمىشە ئەسلەش جەريانىدا كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خاتىرىلەش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بىز ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە بەخت تىلەيمىز!

    ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئوت يالقۇنى ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونوم رايون ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى رەسمىي قۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. 70 يىلدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 642 ھەسسە، كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە 145 ھەسسە ئېشىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى بىر نەچچە ئەۋلاد ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش مارشىنى ياڭرىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت نادىر ھېكايىلەرنى پۈتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېڭى دەۋردە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، مىللەتلەر تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى، كۈچەپ قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئېلىمىز مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات تارىخى شۇنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردىكى، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولى توغرا، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى بۇ توغرا يولنىڭ تۈزۈم كاپالىتى، ئۇ غايەت زور ئەۋزەللىك ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلق بىۋاسىتە تەسىراتلىرى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىدەك قائىدىنى ئىسپاتلىدى.

    ‹‹ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ئىچكى موڭغۇلدىكى 25 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى دەۋردە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ ۋە ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ بۈيۈك سەھىپىسىنى ياخشى ئېچىپ، بۇ گۈزەل يايلاقنىڭ يېڭى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

    ھەل قىلغۇچ جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپىسى ئېغىر. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدا يارقىن مەنزىرە يارىتىدىغان ھالقىلىق مەزگىل، شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رولىنى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى. مۇشۇنداق پەيتكە دۇچ كەلگەنسېرى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بۇنىڭدا يۇرت – ماكاننى، ۋەتەن چېگراسىنى، ئىچكى موڭغۇلدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گۈزەل مەنىۋى يۇرت – ماكانىنى ياخشى قوغداش؛ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئىشلارنى پىلانلاش ۋە تەرەققىياتنى كۆزلەشتە يەرلىك، تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن ھالقىپ، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە كەڭ دۇنياۋى نەزەرگە ئىگە بولۇش؛ ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلق بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ۋەتەن چېگراسىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش زۆرۈر. ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك سەھىپىنى ياخشى ئاچقاندىلا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلەپ، يەنىمۇ يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

    70 يىللىق شانلىق تارىخقا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەر خاتىرىلەنگەن، ئۇنىڭدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسى مەنزىرىسىمۇ نامايان قىلىنغان. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ زېمىننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365090581