سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىچىكى موڭغۇل پۈتۈن رايون ساياھىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-08

    ساياھەتچىلەر ئىچكى موڭغۇل خولۇنبېر مەنجولى شەھىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا سەيلى قىلماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 2016-يىلىدىن باشلاپ بىر تۈركۈم پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان خولۇنبېردىن ئالشاغىچە، ئورمانلىق، يايلاقتىن قۇملۇققىچە، ئىچكى موڭغۇلدىكى 1 مىليون 180 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىرلىق بىپايان زېمىندا پۈتۈن رايون بويىچە ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.

    2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىچكى موڭغۇل كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 36 مىليون 986 مىڭ 700 ئادەم (قېتىم) گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 17.03 ئاشقان؛ ساياھەت كەسپى ئومۇمىي كىرىمى 97 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 22.13 ئاشقان. ئىچكى موڭغۇلدىكى 145 نۇقتىلىق ساياھەت قۇرۇلۇش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 26 مىليارد 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365055241