سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمىسى 17-ئاۋغۇست ئېچىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-04

    4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمىسى، 13-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساقچى ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تېخنىكىلىك ئەسلىھەلەر كۆرگەزمىسى ۋە 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شىنجاڭ) خەلقئارا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك جابدۇقلىرى، جىددىي ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئەسۋابلىرى كۆرگەزمىسى 17-ئاۋغۇستتىن 19-ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، ساقچى قوشۇنىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كۈچەيتىش» باش تېما قىلىغان بولۇپ، مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىش، كەسپ مۇنبىرى، پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، تىنچ شىنجاڭ، پاراسەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ۋە ئىشلىتىشچانلىقى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدىكەن.

    بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن جەمئىي 650 دىن ئارتۇق كارخانا قاتنىشىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادىرات مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە مەزگىلىدە يەنە «شىنجاڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ تىركىشىش مۇسابىقىسى»، «تۇنجى نۆۋەتلىك زەربە بەرگۈچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەسلىھەلىرى مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

    شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر لى چيۇمېي كۆرگەزمە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365001021