سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹ھالاكەت دېڭىزى››دىن يېشىل بوستانلىققىچە

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-03

    نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدىن خاتىرىلەر (1) 

    ‹‹نىڭشيا سەپىرى›› ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت پائالىيىتىمىزدە مۇنداق ئىككى نەرسە كۆزىمىزگە ئەڭ كۆپ چېلىقتى، بۇنىڭ بىرى كۆل، يەنە بىرى قۇم. نىڭشيالىقلار قۇملۇقلارنىڭ ئەتراپىدىكى كۆجۈم مەھەللىلەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، بۇ يەرلەردە ئەۋلادمۇئەۋلاد تىنچ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئىلاجسىز يۇرت – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئاشۇ سىرلىق قۇم بارخانلىرىنى ئۆز ئەقىل – پاراسىتى ۋە قان – تەرى بەدىلىگە بويسۇندۇرغانلىقىدىن ئىبارەت سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىدىن بىزنى تولۇق خەۋەردار قىلىشقا ئالدىرىغان بولسا كېرەك، بۇ قېتىمقى ‹‹نىڭشيا سەپىرى››مىزدە بىزگە كۆرسەتكەن قۇم تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ بولدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ، باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن كەسىپداشلار: ‹‹بۇ قېتىمقى سەپەرنى نىڭشيا سەپىرى دېمەي، قۇم سەپىرى دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغۇدەك›› دەپ چاقچاق قىلىشتى.

    مېنىڭ قارىشىمچە، نىڭشيالىقلار قۇم تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە بۇ خىزمەتلەر بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنىشكە تامامەن ھەقلىق ئىكەن. چۈنكى، نىڭشيادىكى ھەر مىللەت خەلق بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلارغا قارشى 60 نەچچە يىل مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان.

    نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا توختالغاندا، گەپنى 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت ئىچى، سىرتىغا تونۇلغان داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى شابوتۇدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، ئەينى چاغدىكى شابوتۇ زادى قانداق جاي؟ بۇ جاي نېمە ئۈچۈن نىڭشيانىڭ قۇم تىزگىنلەش ‹‹جېڭى››نىڭ ‹‹فىرونتى›› بولۇپ قالدى؟!

    ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ گۈزەل ھەم جەزبىدار شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدىغان جۇڭۋېي شەھىرى تەۋەسىدىكى شابوتۇ رايونى ئېلىمىزدىكى 4 – چوڭ قۇملۇق تېڭگىر قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ يەر ئېلىمىزدىكى قۇم بوران ئاپىتى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى، دۇنيا بويىچە قۇم – بوران ئاپىتى شەكىللىنىدىغان تۆت چوڭ رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق، يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، شابوتۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى ئاران 186.2 مىللىمېتىر بولغىنى بىلەن، نەملىكنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3064 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدىكەن، شۇڭا بۇ يەرنىڭ ئەينى چاغدىكى يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %1 كىمۇ يەتمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر يىلنىڭ تەخمىنەن 330 كۈنىدە بوران چىقىدىغان بولغاچقا، قاچانلا قارىسا ھەممە يەردە چاڭ – توزان، قۇم – شېغىل ئۇچۇپ يۈرۈيدىكەن. شۇ ئەتراپتا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئەتىيازدا بىر چىققان بوران قارا قىشتا ئاران توختايدىكەن، بەزىدە شامال كۈچى ھەتتا 11 بالدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، يەردە بىر تال گىياھ، ئاسماندا بىر تال قۇشنى ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. شۇڭا، كىشىلەر خۇددى كۇھىقاپنىڭ ئاغزىدەك توختىماي بوران چىقىپ، قۇم – شېغىل ئۇچۇپ تۇرىدىغان بۇ يەرنى ‹‹ھالاكەت دېڭىزى›› دەپ ئاتاشقان ئىكەن. مانا مۇشۇ ‹‹ھالاكەت دېڭىزى››غا ‹‹جەڭ›› ئېلان قىلىپ، ناچار تەبىئىي شارائىتنى ئۆزگەرتىش، بولۇپمۇ بوستانلىقلارغا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ كىرىپ، يۇرت – مەھەللىلەرنى يالماۋۇزدەك يالماپ يۇتۇپ، ئاممىنىڭ مال – مۈلكى ۋە ھاياتىغا كۈچلۈك تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان قۇملارنى ئارقىغا چېكىندۈرۈش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئاۋامنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرىدىغان چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان ئىكەن. شۇ چاغلاردا، ئەمگەكچان نىڭشيا خەلقى ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ، تالاي سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، قۇم تىزگىنلەش جېڭىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپتۇ. 1954 – يىلى 10 – ئايدا دۆلەت ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا ۋە گەنسۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 990 كىلومېتىر كېلىدىغان باۋتۇ – لەنجۇ تۆمۈريولىنى ياساشقا باشلىغان. بۇ ئېلىمىزنىڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى تۆمۈريولى بولۇپ، قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭۋېي تەۋەسىدىكى بۆلىكى 55 كىلومېتىر كېلىدىكەن، بۇ بۆلەكتە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېقىن يۈزىدىن 180 مېتىر ئېگىز كۆچمە قۇم بارخانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتىكەن. قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارنىڭ بىپايان چۆللۈك ۋە قۇملۇقلار ئارىسىدا دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ تۆت يىلغا يېقىن قان – تەر ئاققۇزۇشى نەتىجىسىدە، 1958 – يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بۇ يولدا پويىز قاتناشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن رېلىسلار ھەرۋاقىت كۆچمە قۇملارنىڭ خىرىسىغا ئۇچراپ، قۇم ئاستىدا قېلىش خەۋپىگە دۇچار بولغان ئىكەن. مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىكى قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى ھەتتا ‹‹بۇ يول ئۇزاققا قالمايلا قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن›› دەپ پەرەز قىلىشقان ئىكەن. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى جۇ كېجېن 100دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىنى باشلاپ شابوتۇغا كېلىپ، بۇ يەردە بىر مەيدان كەسكىن ھەم ھايات – ماماتلىق قۇم تىزگىنلەش ‹‹جېڭى››نى باشلاپتۇ. جۇ كېجېن ۋە ئۇنىڭ پەن تەتقىقات قوشۇنىدىكىلەر شۇ يەردىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە چۆل – جەزىرىلەردە، ئايدالادا يېتىپ – قوپۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇدا بىرنەچچە يىل قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىش، تالاي قېتىملاپ سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاخىرى قومۇشتىن شاھمات تاختىسى شەكىللىك تور توقۇش ۋە ‹‹بەش بەلباغنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››ئارقىلىق كۆچمە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق يېڭى ھەم ئۆزگىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، %70تىن كۆپرەكى كۆچمە قۇمدىن تەركىب تاپقان توسۇن ئاتتەك تىزگىنسىز قۇملۇقنى ئۈنۈملۈك تۇراقلاشتۇرۇپ تىزگىنلەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇزاق دەۋرلەردىن بۇيان ئىنسانلار ھەم بوستانلىقلارغا خىرىس قىلىپ كېلىۋاتقان قۇملار ئاستا – ئاستا ‹‹پەيلى››دىن يېنىپ، ئارقىغا چېكىنىشكە باشلاپتۇ. ئەينى چاغدا ئىنسانىيەتنىڭ قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىدىكى مۆجىزە، دەپ قارالغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسى دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ئىكەن. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، قومۇشتىن شاھمات تاختىسى شەكىللىك تور توقۇش ۋە ‹‹بەش بەلباغنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئارقىلىق كۆچمە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسى بارلىققا كېلىپ ھازىرغىچە 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ نەچچە يۈزلىگەن قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى شابوتۇغا كېلىپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات پائالىيىتىدە بوپتۇ. 60قا يېقىن دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ۋە مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى ئالايىتەن شابوتۇغا كېلىپ، بۇ ‹‹مۆجىزە››نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېتىپتۇ. بۇ يېڭى تېخنىكا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە 1988 – يىلى ‹‹دۆلەت پەن – تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى››نىڭ كەمدىن – كەم تارقىتىلىدىغان ‹‹ئالاھىدە مۇكاپاتى››غا ئېرىشىپتۇ.

    ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1984 – يىلىدىن باشلاپ بۇ يەردە كۆتۈرۈلگەن ساياھەتچىلىكنىڭ سەلكىن شامىلى شابوتۇنىڭ ‹‹قۇم تىزگىنلەش بىلەن ساياھەتچىلىكنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش››تىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بوپتۇ، ‹‹ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ›› دېگەندەك، شۇ يىلى شابوتۇ دۆلەت بەرگەن ‹‹جۇڭگودىكى تۇنجى قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى›› دېگەن كاتتا تاجنى كىيىپتۇ. 1994 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ جايغا ‹‹يەر شارى بويىچە مۇھىت ئاسراشتىكى 500 ئۈلگىلىك ئورۇن››نىڭ بىرى دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپتۇ. 2009 – يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيادا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە شابوتۇغا كېلىپ، شابوتۇنىڭ قۇم تىزگىنلەش بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشتەك تەرەققىيات يولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ: ‹‹بۇ ھەقىقەتەن بىر يېڭىلىق ھەم كاتتا مۆجىزە بوپتۇ›› دېگەن ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364970561