سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-02

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى ئىسسىق قان ۋە ھايات بەدىلىگە يارىتىلغان، بىزنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى جاپالىق ئىزدىنىش ئاساسىدا توپلانغان، شۇڭا ئۇنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا سادىقلىق ۋە دادىللىق تۈرتكە بولغان، ئۇ مەڭگۈ بىزنى ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى جەزمەن تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا تىرىشىپ يېتىشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى ئىسسىق قان ۋە ھايات بەدىلىگە يارىتىلغان، بىزنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى جاپالىق ئىزدىنىش ئاساسىدا توپلانغان، شۇڭا ئۇنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا سادىقلىق ۋە دادىللىق تۈرتكە بولغان، ئۇ مەڭگۈ بىزنى ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى جەزمەن تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا تىرىشىپ يېتىشىمىز كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

 خەلق سارىيى تەنتەنىگە چۆمگەن بولۇپ، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى›› دەپ يېزىلغان پىلاكات، پەردىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بەلگىسى ۋە ‹‹1927 2017›› دېگەن رەقەم ئېسىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپكە ئون قىزىل بايراق رەتلىك تىزىلغانىدى. زالنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى بالكونغا ئېسىلغان پىلاكاتقا: ‹‹يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەش، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، <ئىككى100 يىل> كۈرەش نىشانىغا يېتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!›› دېگەن شوئار يېزىلغانىدى.

 چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

 شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەۋاتىمىز، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر تاشلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ھەيۋەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1927 – يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى نەنچاڭدا تۇنجى پاي ئوقنىڭ ئېتىلىشى بىلەن، پارتىيەمىزنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىش، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىش، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىش. شۇ چاغدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى، بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تارىخ ئېقىمىغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. 90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى نۇرغۇن جەڭ قىلىپ، باشتىن – ئاخىر توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، غايەت زور قۇربانلىق بېرىپ، ئارقا – ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە ياراتتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 90 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز، خەلقىمىز نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتنى يېڭىش داۋامىدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، مىسلىسىز تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ غەلىبىسى، جۇڭگو خەلقى بوشاشماي قىلغان كۈرەشنىڭ غەلىبىسى، شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسى باتۇرلۇق بىلەن قىلغان جەڭنىڭ غەلىبىسى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ شەرەپلىك ھەم تەنتەنىلىك پەيتتە، بىز خەلق ئارمىيەسىنى قۇرغان ۋە يېتىشتۈرگەن يولداش ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، پېڭ دېخۇەي، ليۇ بوچېڭ، خې لۇڭ، چېن يى، لو رۇڭخۇەن، شۈ شياڭچيەن، نيې رۇڭجېن، يې جيەنيىڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ خاتىرىلىنىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ شەرەپلىك ھەم تەنتەنىلىك پەيتتە، بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتكەن خەلق ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ قۇربان بېرىپ ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

 شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ۋەتەننى قوغداش، ۋەتەننى قۇرۇشنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدە كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلاردىن، ھەر قايسى مەزگىللەردە خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇپ كەسىپ ئالماشتۇرغان، قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىنقىلابتا مېيىپ بولغان ھەربىيلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسى سېپىدە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئالىملار، قۇرۇلۇش تېخنولوگىيە خادىملىرى ۋە كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، ئۇزاقتىن بۇيان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيە بايرىقى ئاستىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئارمىيەنى قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈردى، خەلق ئۇرۇشى ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۆزىگە خاس شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىشتۈردى. بۇ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىشىدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرى، خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ ئۇنتۇسا بولمايدىغان قىزىل جان تومۇرى. خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ ئۇلۇغ كۈچى، غايە – ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغ كۈچى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇلۇغ كۈچى، جەڭگىۋار روھنىڭ ئۇلۇغ كۈچى، ئىنقىلابىي ئىنتىزامنىڭ ئۇلۇغ كۈچى ۋە ئارمىيە – خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيەنىڭ مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇ، پارتىيەمىز ھايات – ماماتلىق كۈرەشتە يەكۈنلەپ چىققان سۇنماس ھەقىقەت، خەلق ئارمىيەسى ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشى كېرەك؛ يۈكسەك غايە – ئېتىقاد خەلق ئارمىيەسىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى مەنىۋى كۈچ، خەلق ئارمىيەسى ئىرادىسىدىن يانماي يۈكسەك غايە – ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا يۈكسەك غايە – ئېتىقاد ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك؛ خەلق ئارمىيەسىنىڭ كۈچى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن كەلگەن، خەلق ئارمىيەسى دادىل ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشى، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا مەڭگۈ قاتماللاشماسلىقى، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك؛ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەر ئۆلۈمدىن قورقماسلىقتەك جەسۇرلۇقىغا تايىنىپ، بارچە دۈشمەننى يېڭىپ قىلچە تىز پۈكمەيدىغان ئۇلۇغ جاسارەتنى شەكىللەندۈرگەن، خەلق ئارمىيەسى جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان روھىي پەزىلەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىنقىلابىي قەھرىمانلىقى، يۈكسەك جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىشى كېرەك؛ ئىنتىزامنى كۈچەيتسىلا ئىنقىلابتا جەزمەن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، خەلق ئارمىيەسى پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پولاتتەك ئىرادىنى مۇجەسسەملەپ، پولاتتەك ئىستىلنى يېتىلدۈرۈپ، پولاتتەك قوشۇن قۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا بارلىق ھەرىكەتتە قوماندانلىققا بويسۇنۇشى، ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشى كېرەك؛ ئەل قەلبى، ئەلرايى مايىل بولسا، خەلقنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەنسە، خەلق ئارمىيەسى ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلىپ، دۇنيادا تەڭداشسىز كۈچكە ئايلىنالايدۇ، خەلق ئارمىيەسى خەلق ئۈچۈن جان – دىل بىلەن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى بولۇشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىي ئىشلارغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى تۈزۈپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە، ئۇرۇش ھازىرلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، خەلق ئارمىيەسى سىياسىي ئېكولوگىيە، تەشكىلىي شەكىل، كۈچ سىستېمىسى، ئىستىل، ئوبرازنى قايتا يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، خەلق ئارمىيەسى قايتا رەتلىنىپ پۇختا تەييارلىق بىلەن يولغا چىقىپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.

 شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئالتە نۇقتىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركسىزملىق ھەربىي نەزەرىيە ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن كوماندىر – جەڭچىلەرنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ماركسىزملىق ھەربىي نەزەرىيەنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر جەڭ ھازىرلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان سەر خىل قوشۇن قۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق پەيتتە قوشۇننى باشلاپ جەڭگە چىقالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. تۆتىنچى، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ جان تومۇرلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ھەل قىلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. بەشىنچى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلق ئىشىنىدىغان، خەلق ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قىزغىن سۆيىدىغان پەرزەنت ئەسكەرلەردىن بولۇپ، خەلق ئۈچۈن مىلتىق كۆتۈرۈش، خەلق ئۈچۈن جەڭ قىلىشتەك مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق مەنپەئىتىنىڭ مەڭگۈلۈك قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، جۇڭگو ئارمىيەسى باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچ. جۇڭگو ئارمىيەسى ئىلگىرىكىدەكلا خەلقئارا ھەربىي ئالاقە، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا ماس كېلىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ.

 لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، 90 يىلدىن بۇيان پارتىيە خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىگەن شانلىق مۇساپە ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى، بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان زور تارىخىي تۆھپىسى تەرىپلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى ۋە كۈچى شەرھلەندى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا مەھكەم ئىگىلەشكە تېگىشلىك تۈپ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

 يىغىن ھەيۋەتلىك ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مارشى›› ئىچىدە ئاياغلاشتى.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، شۇنداقلا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 پېشقەدەم جەڭچىلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، پېشقەدەم يولداشلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پېشقەدەم خەلق ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلار، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى، مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان نەمۇنىچى كادىرلار ۋەكىللىرى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 3000غا يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364940061