سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئالدى بىلەن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، ھادىسە سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-01

 شىنجاڭ ‹‹يىخۇا›› خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئالدى بىلەن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، ھادىسە سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى

   7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى سائەت 18 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمىسار ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ ‹‹يىخۇا›› خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە تۇرۇبا يولىنى چىرىشتىن ساقلاش، ئىسسىقلىق ساقلاش مەشغۇلاتىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىر كىشى قازا قىلدى، 18 كىشى ئېغىر يارىلاندى، 13 كىشى يېنىك يارىلاندى. يارىدارلار دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلدى.

 ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئالدى بىلەن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرھال كۈچلۈك مۇتەخەسسىسلەر داۋالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاش؛ ھادىسە سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىدى.

 ھازىر، ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364912601