سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھىندىستاندا 11 ئادەم چاقماق زەربىسىدە قازا قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-01

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھىندىستاندىكى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابنىڭ 31-ئىيۇل ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى ئاۋدى چابان ناھىيەسىدە 30-ئىيۇل ئاز دېگەندە 11 ئادەم چاقماق زەربىسىدە قازا قىلغان، سەككىز ئادەم يارىلانغان.

    ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى بىر ئەمەلدارلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شاللىقتا ئەمگەك قىلىۋاتقان ياكى دەرەخ ئاستىدا يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتقان دېھقانلار ئىكەن. ھىندىستان ھازىر يامغۇرلۇق مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، قارا يامغۇر تەسىرىدە ئاۋدى چابان ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمەن رايونلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئالدىنقى ھەپتىدە، ئاۋدى چابان ناھىيەسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاندىرا ناھىيەسىدىمۇ ئۈچ ئادەم چاقماق زەربىسىدە قازا قىلغانىدى.

    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2005-يىلىدىن بۇيان ھىندىستاندا ھەريىلى ئاز دېگەندىمۇ 2000 ئادەم چاقماق زەربىسىدە قازا قىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364912501