سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قاتتىق ئىسسىقتا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان پاراۋۇز ئىشچىلىرىغا ھۆرمەت

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-31

30-ئىيۇل، ۋۇخەن شەھىرى، پاراۋۇز رېمونت سېخىدا بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن پاراۋۇز سىلېسارى ۋۇ ۋېيبىڭ پاراۋۇز تەكشۈرمەكتە.

 شىنخۇا تورى خەۋىرى. تومۇز كىرگەندىن بۇيان، ۋۇخەندە ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، ۋۇخەن ۋۇچاڭ يولۇچى توشۇش پاراۋۇزىنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش سېخىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن 10 ئەتراپىدا يۇقىرى بولدى. يازلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېسىق مەزگىلى باشلىنىشى بىلەن بۇ سېختىكى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئەمما بۇ سېختىكى 10 نەچچە ئىشچى ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىپ پاراۋۇزلارنى تەكشۈردى، ئاسرىدى، رېمونت قىلدى. قاتار تىزىلغان پاراۋۇزلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىپ بولغۇچە ئۇلار چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمسىمۇ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يەنىلا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى. (شياۋ يىجيۇ فوتوسى)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364885141