سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-28

 شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى›› مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات–مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېگراممىسى. ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى›› مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات – مۇھاكىمە كۇرسى 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولدى، پۈتكۈل پارتىيە جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، ئومۇمىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش – قويالماسلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. پارتىيەمىز قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەتتە بولۇش، قانداق تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى ئېنىق جاكارلىشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن ھازىرقى دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە پارتىيە ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. بىز فاڭجېن ۋە پىلان تۈزۈپ چىقىش، دەلىل – ئىسپات بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىش، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلىشى، خەتەرنى ھېس قىلىشى، تىنچلىقنى كۆزلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ۋەزىيەت توغرىسىدا ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىشنى تەكىتلىدۇق. ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا ھەم نەتىجە بىلەن پۇرسەتنى ھەم كەمتۈكلۈك بىلەن يېتەرسىزلىكنى،قىيىنچىلىق بىلەن خىرىسنى كۆرۈشىمىز، شۇنداقلا ۋەزىيەت تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ – خەتىرىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك، ئەڭ يامان تەرىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تىرىشىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تەڭداشسىز بەش يىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات زور ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور فاڭجېن – سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى، رەھبەرلىك كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردۇق. بىز ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈشنى نامايان قىلىشتەك يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، پارتىيەمىزنىڭ قانۇن ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتۇق. بىز پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملىدۇق. بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا مۇھىم قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدۇق. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تىنچ خەلقئارا مۇھىتى ۋە ياخشى ئەتراپ مۇھىتىنى ياراتتۇق. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان زور گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش كەيپىياتىنى يېڭىلىدۇق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە – ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ دائىرىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ تەلىپى ھەم پارتىيەمىزنىڭ ئىنىقلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مۇساپىسىدىكى ئەزەلدىن تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ۋە چىڭ تۇرىدىغان ئۇسۇلى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلغا يېقىن تەرەققىيات ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىدا كۆپ خىللىققا، كۆپ قاتلاملىققا، كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئالاھىدىلىك بارلىققا كېلىپ، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت ۋە تېخىمۇ مول مەنىۋى تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئالاھىدىلىكىنى تونۇش ۋە ئىگىلەشتە دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ مېتودولوگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخ ۋە رېئاللىق، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىدا تۇرۇپ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئويلىنىپ توغرا يەكۈن چىقىرىش كېرەك. پۈتكۈل پارتىيە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىز جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر ئاساسىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىگە چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ئۇزاق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچقانلىقىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىن زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يوللىرىنى كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى بېغىشلىدى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. پۈتكۈل پارتىيە ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنىڭ پىرىنسىپاللىقى، سىستېمىلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېڭى تەلەپ بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ سىياسەت – فاڭجېنلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى روھىي قىياپەت ۋە كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ۋە نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان پارتىيە بولۇپ، نەزەرىيەنىڭ چوقۇم ئەمەلىيەت بىلەن بىردەك بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا نەزەرىيەنىڭ رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋر شارائىتىدا، بىزنىڭ ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى پۈتكۈزۈش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشىمىز ئۈچۈن، يەنىلا ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى خىسلىتىنى ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىللىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. تېز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردە تەشەببۇسكارلىقنى، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭى نەزەر دائىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى يەكۈنلەرنى چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2020 – يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش پارتىيەمىزنىڭ خەلق ۋە تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. بىز پارتىيەنىڭ 16 –، 17 –، 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلەر بويىچە، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ زور خەۋپ – خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك. 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، بىز پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز خەلقنى ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشتە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن پارتىيەمىز خەلقنى باشلاپ، زور خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ – خەتەرلەردىن مۇداپىئەلىنىپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، چوڭ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، داۋاملىق غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە يۈرۈش قىلالايدۇ. ئەمەلىيەت بىزگە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ پارتىيەمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ زور جاسارەت ۋە تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ياخشى، چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇتتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئەلنىڭ رايىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە خەلق ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى، شۇڭا نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىمىزگە تەمەننا قويۇپ، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولماسلىقىمىز كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنىلا يۈك ئېغىر، مەنزىل يىراق. پۈتۈن پارتىيە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ چىڭىتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن كېمىنى ھەيدەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، غەلىبىلىك ھالدا شانلىق قىرغاققا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 لى كېچياڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بەك مۇھىم. باش شۇجىنىڭ سۆزىدە ھازىرقى ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ئىلمىي تەھلىل قىلىنغان، بەش يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر مۇپەسسەل بايان قىلىنىپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى چوڭ سىياسەت – فاڭجېن ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيەلەر، مۇھىم قاراشلار، زور يەكۈن ۋە زور تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇلار ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرگە ئىگە. شۇڭا سۆزنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە سۆزنىڭ روھى بىلەن ھەقىقىي بىرلىككە كېلىشىمىز ھەم سۆز ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

 ليۇ يۈنشەن ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەنگەن. كۆپچىلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق سۆزنىڭ زور سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى، سۆزنىڭ مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئاساسىي تەلىپىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. شۇڭا سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى ۋە تارىخىي نەتىجىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يادرونى قوغداشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. سۆزنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى كۇرس باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى كۇرس باشلىنىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

 ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تەتقىقات – مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364799581