سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

CRH5G تىپلىق ئوقپويىز باۋجى-لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىگە سەپلەندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-26

    شىنخۇا تورى خەۋىرى:  23-ئىيۇل، CRH5G-5220 نومۇرلۇق ئوقپويىز پاراۋۇزى ئېلىپ ماڭغان D2685 قېتىملىق ساياھەت پويىزى ئاستا-ئاستا شىئەن شىمالىي ۋوگزالىغا كىردى. بۇ دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان CRH5G تىپلىق ئوقپويىزنىڭ باۋجى-لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىگە رەسمىي سەپلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، CRH5G تىپلىق تېخنىكىسى ئۆستۈرۈلگەن ئوقپويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتكۈل پويىزنىڭ توققۇز تۈرلۈك ھالقىلىق تېخنىكىسى، 10 تۈلۈك يۈرۈشلەشكەن تېخنىكىسىنىڭ مۇستەقىللىق نىسبىتى ۋە دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىش نىسبىتى %90 دىن ئاشقان. بۇ ئوقپويىزغا مەملىكىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە پويىز تورىنى تىزگىنلەش سىستېمىسى بولغان «جۇڭگو مېڭىسى» ئىشلىتىلگەن، ھەمدە نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇق ھاۋادىمۇ نورمال يۈرەلەيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، قۇم، تۇمان، قار-يامغۇر، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر قاتارلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان.   

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364746831