سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئارمىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-26

  شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 42–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئارمىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئارمىيەنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ، ئىشتات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش توغرىسىدا 42 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولۇپ، ئارمىيە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە ۋە يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بىر نىيەتتە ئورۇنداپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللاپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ئەۋزەللىكنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان غايەت زور كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

 مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش سەي خۇڭشو بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

 شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 90 يىل بولىدۇ، بىز شۇ ۋەجىدىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر ئالاھىدە تېما ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە 3 – قېتىم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى تېما قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇر 7 – ئايدا بىز ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چۆرىدەپ، ‹‹بويۇن ئۈستىدىكى›› ئىسلاھات ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە ئارمىيەنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ، ئىشتات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ‹‹بويۇن ئاستىدىكى›› ئىسلاھات ئەھۋالىنى، شۇنداقلا ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئارمىيەمىزنىڭ كۈچ سىستېمىسىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ئىگىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارمىيەمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشكە قاراپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا جەسۇرانە يۈرۈش قىلدى. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى قىلدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى دادىل ئېلىپ بېرىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسلىق ساھەلەردە تارىخىي قەدەم ئېلىپ، تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ قېتىمقى قايتا قۇرۇش ۋە قايتا تەشكىللەش ئارمىيەمىزنىڭ تۈزۈلمىسى، قۇرۇلمىسى، تەرەققىيات ئەندىزىسى ھەم قىسىملارنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا چوڭقۇر ئاساس سېلىپ بەردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەمىزنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ، ئىشتاتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بىز دىققەتنى ئىسلاھات نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ئومۇمىي لايىھەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن، ئارمىيەمىزنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ سەرخىللاشتى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى، ئىشتاتى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇزاقتىن بۇيانقى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى تىپىدىكى كۈچ قۇرۇلمىسى تۈپتىن ئۆزگەردى، دۆلەت زېمىنىنى قوغداش تىپىدىكى ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۆزگەردى، يىرىك ھەربىي گۇرۇپپا، سان ئارقىلىق غەلىبە قىلىشتەك غەلىبىنى كونترول قىلىدىغان ئەندىزە ئۆزگەردى، سانلىق كۆلەم تىپىدىن سۈپەت – ئۈنۈم تىپىغا، ئادەم كۈچى كۆجۈملەشكەن تىپتىن پەن – تېخنىكا كۆجۈملەشكەن تىپقا ئۆتۈشتە چوڭ قەدەم تاشلاندى، سەرخىل ئۇرۇش كۈچىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بىرلەشمە ئۇرۇش كۈچى سىستېمىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىسلاھات، ئۇنىڭ سالمىقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان. بىز دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىمىز، تاش – تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك غەيرىتىمىزنى ساقلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدىيە ۋە تونۇشتا بىرلىككە كېلىشنى خىزمەتكە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنى ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇشنى خىزمەتكە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىككىلەمچى زىددىيەتلەر ۋە نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن سىجىل كۈچ چىقىرىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشنى خىزمەتكە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تەتقىق قىلىپ دەلىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، رىتىم ۋە سالماقنى كونترول قىلىپ، تەكشۈرۈش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئايدا، مەن مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىلانلاش – لايىھەلەش، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. سىياسەت، تۈزۈمنى تەڭشەش ئىسلاھاتى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا، ئارمىيە تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا تەتقىق قىلىپ دەلىللەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سىستېمىلىق، ئالدىن كۆرەرلىك پىلانلاشنى ياخشى قىلىپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا بىر تۈركۈم زور نەزەرىيەۋى نەتىجىلەر، ئەمەلىي نەتىجىلەر، تۈزۈم نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنى ۋاقتىدا مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. رەھبەرلىك – قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تۈزۈمگە ئۇيغۇنلىشىدىغان خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تۈزۈم ۋە يېڭى ئىشتاتنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئالاھىدە زامانىۋى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشتا ماھىيەتلىك قەدەم ئېلىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر، بولۇپمۇ يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بارلىق ئاماللار بىلەن كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىشى كېرەك.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364738361