سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى ئانالىز قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-25

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، جايلار، تارماقلار مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، شەھەر – بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم ئاشتى، مالىيە كىرىمى، كارخانا پايدىسى ۋە ئاھالىنىڭ كىرىمى خېلى تېز ئاشتى، سۈپەت ۋە ئۈنۈم ئۆرلىدى. مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى داۋاملىق كۈچلۈك بولدى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تېزلىتىلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئارتۇقچىلىقى ئىقتىدارى داۋاملىق ھەل قىلىندى، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ئىچكى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ياخشىلاندى. رايونلار ئارا ماس ھەمتۈرتكىلىك ئۈنۈم دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مۇھىتنى تۈزەشتە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى كۈنسايىن كىشىلەر قەلبىنى چوڭقۇر مايىل قىلدى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ھەرىكىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بازار ئىشەنچىسىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا يەنىلا نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق دەۋرىيلىكى ۋە قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك كۈچەش نۇقتىسىنى ساقلاپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى تۇتۇپ، زور خەۋپ – خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم بولۇش بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، تەڭپۇڭلۇق، ياخشى پۇرسەت ۋە چوڭقۇرلۇقنى ئىگىلەش كېرەك. سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، كۆزلىمە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي قوزغىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى يۈز بەرمەيدىغان تۆۋەن چەكنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە تونۇشىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن چوڭ سىياسەت – فاڭجېنلارنى كەم – كوتسىز ئىجرا قىلىشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتنى ياخشى ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن مىخ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹مۇردا كارخانا››لارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، بازار مېخانىزمىغا تېخىمۇ كۆپ تەتبىقلاپ، ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاش كېرەك. كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى زورايتىپ، تەمىنلەش سۈپىتىنى ياخشىلاش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىلىپ قالغان قەرز خەۋپ – خەتىرىنى پائال ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىق ھادىسىسىنى چوڭقۇر، پۇختا تۈزەپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆي – زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغى، ئەلئارا سېلىنمىسى ۋە ئىشەنچنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ بازارغا كىرىشىنى كېڭەيتىپ، تىجارەت – سودا مۇھىتىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىۋېلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش كېرەك.

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364706761