سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«كېسىلى ئېغىر» دېلفىن ساقىيىپ ‹‹ئۆيىگە›› قايتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-21

    20-ئىيۇل، ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش خادىملىرى دېلفىن «جياڭ جياڭ»نىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن مەخسۇس لايىھەلەنگەن نوسىلكا بىلەن پورتقا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى، جۇخەي ۋەنشەن تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن يىرىك چىشلىق دېلفىن «جياڭ جياڭ» مەخسۇس خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا دېڭىزغا قويۇپ بېرىلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 3-ماي كەچ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جياڭمېن شەھىرىنىڭ خېيشا قولتۇقىدا كىشىلەر قىرغاققا چىقىپ قالغان بىر كېسەل دېلفىننى كۆرگەن ھەمدە دېلفىننىڭ نورمال نەپەس ئالالمايۋاتقانلىقى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەپ، بەدىنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى، مۇسكۇلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلىقى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنى بايقاپ، دەرھال ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان. يەرلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دەرھال دېلفىننى جۇخەي شەھىردىكى گۇاڭدۇڭ جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىنىڭ جۇڭخۇا ئاق دېلفىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، يېمەكلىك بېرىش ۋە ئانتىبىيوتىكلارنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار داۋالاشتىن كېيىن، دېلفىننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. ئىككى ئاي پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە  دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان  يىرىك چىشلىق دېلفىن دېڭىزغا ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلگەن. 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364616201