سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكىتىمىزدىكى داۋالاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان شەھەرلەر 200 گە كېڭەيدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-20

    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ 18-ئىيۇل تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا تارقاتقان «2016-يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى مەملىكىتىمىزدىكى داۋالاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان شەھەر 200 گە كېڭىيىپ، %92.6 شەھەر داۋالاش تېخنىكا مۇلازىمەت تۈر باھاسىنى تەڭشەپ، تۈرلۈك داۋالاش ئىسلاھاتىدا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلغان. لېكىن ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىسلاھات تېخى تولۇق قاپلىمىغان بولغاچقا، قىسمەن ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلاردا دورا باھاسىغا شىرىنكانە قوشۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تېخى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان.

    تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۈچ تۈرلۈك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانى 1 مىليارد 340 مىليونغا يېتىپ، سۇغۇرتىلىنىش نىسبىتى %98.8 كە يەتكەن. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە  %70.6 ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانا ئۆلكە دەرىجىلىك دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش سۇپىسىدىن دورا سېتىۋالغان، %57.0 ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانا ئۆلكە دەرىجىلىك مەركەزلىك سېتىۋېلىش سۇپىدىن قىممەت باھالىق داۋالاشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋالغان. مەملىكىتىمىزدە دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى441 مىڭغا، كۆپ نۇقتىلىق كەسپىي دوختۇرلارنىڭ سانى 19 مىڭ 219 غا يەتكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364592171