سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-20

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ئېلىمىز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدىن چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى چوڭقۇر شەرھلەندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. زۇڭلى لى كېچياڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە ئاساسەن، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى توغرىسىدىكى مۇپەسسەل بايانى، ھازىرقى پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمى، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، پۇل مۇئامىلە ئېڭى، خەۋپ ئېڭى، پىرىنسىپ ئېڭى، ئەمەلىي گەۋدە ئېڭى، ئالدىنى ئېلىش ئېڭى، ئىسلاھات ئېڭى، ئېچىۋېتىش ئېڭى، رەھبەرلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش؛ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۆت تۈرلۈك مۇھىم پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، قوشۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ قان تومۇرىغا كىرىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ مەنبەسىنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپى ۋە خەۋپ – خەتەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئېچىۋېتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە ئاساسەن، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېخىمۇ سىڭىپ كىرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېن ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىقتىدار سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھات تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

 نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364583701