سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دادىللىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پىلانلاشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەرلىكنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-20

  شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 37–قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

دادىللىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پىلانلاشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەرلىكنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

 لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 37 – قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پىلانلاشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا ‹‹تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹دۆلەتنىڭ تېخنىكا كۆچۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى لايىھەسى››، ‹‹جامائەت مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىدا قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر يولغا قويۇش لايىھەسى››، ‹‹جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر››، ‹‹تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى بويىچە مەمۇرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››، ‹‹ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹تەكشۈرۈپ باھالاش – تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئىلھام بېرىش پىكرى››، ‹‹دۆلەت باغچىسى تەسىس قىلىش تۈزۈلمىسى ئومۇمىي لايىھەسى››، ‹‹بىرلىككە كەلگەن ئەدلىيەلىك باھالاشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات››، ‹‹ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى نازارەت قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات›› قاراپ چىقىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر قاتلاملىق ئىنقىلاب ھەم يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش؛ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشقا، بايلىق مۇھىتىدىن پايدىلىنىش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىشكە ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش؛ مۇھىت بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بىلەن ماسلاشقان يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ تېخنىكا كۆچۈرۈش سىستېمىسىنى تەسىس قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەت نۇقتىسىنى ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، تېخنىكا كۆچۈرۈش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تېخنىكا جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ھەمتۈرتكىلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، زور تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ تەتبىقلاش قەدىمىنى تېزلىتىش، تېخنىكا كۆچۈرۈشنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىدا قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ مەمۇرىي ئورۇنلار بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىش تەلىپى بويىچە ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پەن – تېخنىكا سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىدا كېڭەشنى ئاساسلىق شەكىل قىلغان قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، كەسپىي زاتلار، ھەر ساھەدىكى ئاممىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش؛ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش؛ ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئىدىيەسىنى تاشقى ئالاقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگىچە ئىزچىللاشتۇرۇش؛ جۇڭگو ئالاھىدىلىكى، جۇڭگو ئۇسلۇبى ۋە جۇڭگو كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئەلرايىنى بىر – بىرىگە باغلاش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بەزى كەسپىي ئورۇنلاردا تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش؛ ئەخلاق بىلەن قابىلىيەتتە تەڭ يېتىلگەن بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇش؛ نازارەت قىلىپ چەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، شەرتى، ئۆلچىمى، تەرتىپى بويىچە يولغا قويۇپ، مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش؛ بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلىپ، ئاخىرقى چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئېچىۋېتىشتىن تەڭ بەھرىلىنىش؛ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش، باھالاش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقۇرۇش نەتىجىسىنى تەتبىقلاشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجادىي تەرەققىياتى ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. شۇڭا تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ ئىجادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ كىلىنىكىلىق سىناقنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ، بازارغا سېلىشنى تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزلىتىش؛ تەقلىد قىلىپ ياسىغان دورىلارنىڭ سۈپىتى ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىق قىلىش – ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دورا، ياخشى دورىلارنى بازارغا سېلىشنى تېزلىتىپ، كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشتا، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى 1 – ئورۇنغا قويىدىغان، دۆلەتنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋە ئومۇمىي خەلق جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك دۆلەت باغچىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش؛ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەتلىك يەرلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى قايتىدىن تەشكىللەش؛ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىجارەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت باغچىسى ۋەكىللىكىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەتلىك يەر سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەدلىيەلىك باھالاش تۈزۈمى دەۋاغا چېتىشلىق مەخسۇس مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دېلو پاكىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئەدلىيە كاپالىتى تۈزۈمى. بىرلىككە كەلگەن ئەدلىيەلىك باھالاش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ماسلىشىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسىپكارلىق جاۋابكارلىقىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئەدلىيەلىك باھالاشنى دېلو بېجىرىش خىزمىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيەلىك باھالاشنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دەۋا پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەتبىقلاشقا، كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۈلگە كۆرسىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغانلىرىنى تېزدىن كېڭەيتىش، باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىرىنىڭ تەجرىبىسىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. تەرەققىياتى ئاستا ۋە باشقۇرۇشى قېلىپلاشمىغانلىرىنى رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى كۈچلۈك بولغانلىرىنى سىستېمىلىق يىغىنچاقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈمى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغانلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئالاقىدار قانۇن نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتتا باشلامچى بولغان تارماقلارنىڭ يولغا قويۇلۇپ بولۇنغان ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىشنى نىشان قىلىپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. كېيىنكى قەدەمدە، بايقالغان مەسىلىلەرنى ياخشى رەتكە سېلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ، تۈزۈمنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەرلىك ئورۇنلار ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا ئورۇننى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قايسى قاتلام، قايسى دەرىجىدىن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمىيەت ئاساسىدا پىلانلاش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىم ئىشلاردا نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. يەرلىك پارتكوملاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يەرلىكنىڭ ئىسلاھاتىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، لايىھەنى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىش، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ئىشلىتىلىشچان بولۇش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىل، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىپ، بىرى سىناقتىن ئۆتسە بىرنى يولغا قويۇپ، قايسى ئىشنى بېجىرسە شۇنى پۈتتۈرۈش كېرەك؛ ئىسلاھات ئۈنۈمىنى باھالاشتا ئاممىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، مۇھىمى قانچىلىك ئىش بېجىرگەنلىكى، قانچىلىك ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقى، ئامما ئېتىراپ قىلغان – قىلمىغانلىقى ۋە رازى بولغان – بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، سۈرئەت ئۈنۈم، ئۇسۇلنى ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈم، خاتالىقنى ئازايتىشمۇ ئۈنۈم، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئارقىدا قالغان خىزمەتلەردە خىزمەت مۆھلىتىنى تەتۈر تىزىش، قوغلاپ يېتىشىۋېلىش، قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ ئىسلاھاتنى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش شەخسەن ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىش سۈرئىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىسلاھات روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتتىكى توسالغۇلارنى دادىل سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جايلار ھەر دەرىجىلىك ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ كۈچىنى تولۇق سەپلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇشتىكى سالمىقىنى زورايتىپ، ئىسلاھات خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىش – تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇلىدىغان، ئەمما ئىسلاھ قىلماسلىققا يول قويۇلمايدىغان روشەن يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364583361