سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خېڭدا كوماندىسى چەت ئەللىك رېپىر تەلەپ قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-19

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 22-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 18-ئايلانما مۇسابىقىسىدە گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. شيا لياڭجى، يۈ جىڭ قاتارلىقنىڭ ئېيتىشىچە، خېڭدا كوماندىسى ئېلىمىز پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە شۇ مەيدان مۇسابىقىدە چەت ئەللىك رېپىرلارنىڭ رېپىرلىق قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغان.

    نۆۋەتتە، خېڭدا كوماندىسىنىڭ جۇغلانما نومۇرى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، شاڭگاڭ كوماندىسىن پەقەت بىر نومۇرلا يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، قايسى كوماندىنىڭ چېمپيۇن بولۇشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن. مۇسابىقىنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشى، بەس-مۇنازىرىگە تولغان جازالاشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خېڭدا كوماندىسى چەت ئەللىك رېپىر تەكلىپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، خېڭدا كوماندىسىنىڭ ئىلتىماسىغا ئېلىمىز پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تېخى جاۋاب قايتۇرمىغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364561581