سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەتلەشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-19

 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك جۇڭگو–پەلەستىن دوستلۇق–ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەتلەشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پەلەستىننىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ئەڭ بالدۇر قوللىغان، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

 ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان بولۇپ، ھەقىقىي ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلاردۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن پەلەستىننىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى.

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پەلەستىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سىياسىي جەھەتتە بىر – بىرىنى داۋاملىق قوللاپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو پەلەستىننىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە باشتىن – ئاخىر ئەمەل قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، شۇنداقلا پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ھەققانىي ئىشلىرىنى ئىزچىل قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىن بىلەن بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى ۋە شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ پەلەستىنگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنى قوللايدۇ. بىز سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى قاتارلىق جەھەتلەردە پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، پەلەستىننىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن تەتقىقات، پارتىيە، يەرلىك، ئەلئارا، ياشلار قاتارلىق ھەرساھە، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:

 بىرىنچى، ‹‹ئىككى دۆلەت لايىھەسى›› ئاساسىدىكى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ‹‹ئىككى دۆلەت لايىھەسى›› نى قەتئىي قوللايدۇ، 1967 – يىلىدىكى چېگرا ئاساسىدا، شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللايدۇ، شۇنداقلا پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ.

 ئىككىنچى، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2334 – نومۇرلۇق قارارىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايونلاردىكى بارلىق يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى؛ سۆھبەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى تېزدىن سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىپ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئورتاق خەۋپسىزلىكنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

 ئۈچىنچى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچنى زورايتىش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت تېخىمۇ ماسلىشىپ، ئورتاق قاتنىشىپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى قوللاشنى، بۇ يىل ئىچىدە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان زاتلار تەتقىقات – مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل – تەدبىر كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

 تۆتىنچى، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، تەرەققىيات مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى مۇھىم ھەمراھ دەپ قارايدىغان بولۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قارىشىنى ئاساس قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، پەلەستىننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو جۇڭگو – پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئۈچ تەرەپ سۆھبەت مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، پەلەستىننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە ياردەم بېرىشنى ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

 ئابباس مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پەلەستىن ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ مىللىي ھەققانىي ئىشلىرىنى باشتىن – ئاخىر قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ. پەلەستىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، پەلەستىن بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە، سانائەت رايونى، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. پەلەستىن جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئىجابىي تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، خادىم تەربىيەلەش ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى. ئابباس جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى ۋە شى جىنپىڭغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شى جىنپىڭغا ‹‹پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئالىي ئوردېنى››نى بەردى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ: بۇ، پەلەستىننىڭ جۇڭگو – پەلەستىن مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ئادىل مەيدانىنى تەرىپلەيدىغانلىقى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو – پەلەستىن مۇناسىۋىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قەتئىي تۈرتكە بولىدۇ، دېدى.

 شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئابباسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ باۋۋېن، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىقلار قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364555521