سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گۇاڭشى فاڭچىڭ پورتىدا پىل چىشىدىن ئىشلەنگەن 11 كىلوگىرام زىننەت بۇيۇمى قولغا چۈشۈرۈلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-18

    پىل چىشىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى

     گۇاڭشى فاڭچىڭ پورتى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى دۇڭشىڭ چېگرا رايون ساقچىخانىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارلىشىچە، يەرلىك ساقچىلار يېقىندا پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملارغا ئائىت بىر دېلونى پاش قىلىپ، ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېكىتىشىچە، بۇ پىل چىشى زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئېغىرلىقى 11.671 كىلوگىرام ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، پىل دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان بولۇپ، دۆلەت پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئېلىپ-سېتىشنى، توشۇشنى، چېگرا ھالقىپ ئېلىپ-سېتىشنى چەكلىگەن. نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەرلىك ئورمانچىلىق ج خ تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364531421