سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا تىجارەت–سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-18

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە–ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 16–قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا تىجارەت–سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

 لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە – ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 16 – قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە بازار مۇھىتىنى ياخشىلاش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەبلەغ سېلىش ۋە بازار مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازار ھەرىكىتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، كۆزلىمە تىجارەت – سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەت بېرىشتىن ئىلگىرى پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىك قوشىدىغان باشقۇرۇش ئەندىزىسى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سودا تەڭپۇڭلۇقى ۋە جۇڭگو – ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر، خەلق بانكىسىنىڭ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلدى.

 شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىزنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى مۇھىم مەقسەت ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى، قانۇن – نىزام قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت – سودا مۇھىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بازار ھەرىكىتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەرىكەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەشكە تۈرتكە بولدى، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ھالەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشتا چەت ئەل مەبلىغىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. بالىلار تەربىيەسى، كۈتۈنۈش، قۇرۇلۇش لايىھەلەش، بوغالتىرلىق، مۇپەتتىش، سودا – ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەم ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق رىقابەت خاراكتېرلىك ساھەلەرگە قارىتا تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى چەكلىمىسى ۋە پاي نىسبىتى چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىشنى تېزلىتىش كېرەك. مەملىكەت مىقياسىدا ئەركىن سودا سىناق رايونىدا سىناق قىلىنغان چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى – تاشقى مەبلەغ قانۇن – نىزاملىرىنى تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭىدىن تاشقى مەبلەغ نېگىزلىك قانۇنى تۈزۈش كېرەك. تاشقى مەبلەغكە چېتىلىدىغان قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسىي ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاپ، ئومۇمەن دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يۆنىلىشى ۋە چوڭ پىرىنسىپىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان قانۇن – نىزام ياكى ماددىلارنى چەكلىك مۇددەتتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ئىجازەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، شىركەت قانۇنىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى، ئۇلارغا دۆلەت پۇقرالىرىغا ئوخشاش قانۇن جەھەتتە باراۋەر، سىياسەتتە بىردەك مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەر تىجارەت – سودا مۇھىتىنى ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى باشلامچىلىق بىلەن زورايتىشى كېرەك. تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە جەرىمانىنى ئېنىقلاپ ۋە ئازايتىپ، كارخانىغا چېتىشلىق ھەق ئېلىش مۇندەرىجىسى تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھوقۇقتىن ھالقىپ ھەق ئېلىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھەق ئېلىش، ھەق ئېلىش تۈرىنى ئۆزى تەسىس قىلىش، قايتىلاپ ھەق ئېلىشنى قاتتىق چەكلەپ، ۋاسىتىچى ئاپپاراتنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ قائىدىگە خىلاپ ھەق ئېلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك، كەسپىي جەمئىيەتلەرنىڭ كارخانىلارنى جەمئىيەتكە كىرىشكە زورلىشىغا ياكى ئۇلاردىن قائىدىگە خىلاپ ھەق ئېلىشىغا بولمايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بولۇپمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ياخشى تىجارەت – سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەرەپ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. گۈللەنمە ساھەلەر ۋە كەسىپ ھالىتى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلغۇچىلارنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تەبىئىي شەخس ۋە قانۇنىي ئىگىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن قورالىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىدىكى مۇھىم تەرەپ. ئېچىۋېتىش تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرتىپلىك رىقابىتىنى كۈچەيتىشكە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە پايدىلىق ساھەلەردىكى ئېچىۋېتىشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كاپىتال تۈرلىرىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى چوقۇم كېڭەيتىشكە يېتىشەلىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەريانىدا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارادىكى مۇكەممەل بولغان پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كاپىتالنى، ھەرىكەتنى، فۇنكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆزئارا ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكسپورت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئىمپورتنىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، دائىملىق تۈرلەرنىڭ كىرىم – چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش شەرتلىرىنى ياخشىلاپ، ئىمپورت ھالقىسىدىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخ يۇقىرى بولۇش، پىرىيوم – كارانتىن قىلىش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇش، كارخانىلارنىڭ ئەرز قىلىش يوللىرى بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. بەزى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، خاس، ئەلا مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئادىل رىقابەتلىشىدىغان ئىچكى بازار مۇھىتى يارىتىپ، تاموژنا بېجى، ئىمپورت تەكشۈرۈشى، ماركېتىڭ قاتارلىق جەھەتلەردە پۇرسەت باراۋەر بولۇش شارائىتىنى يارىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزىگە تاللاتقۇزۇش، بازار رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يەرلىكنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر قەدەم ئالدىدا يولغا قويۇشتەك ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 مەركەز مالىيە – ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364526021