سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ قالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە مۇھىت ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە يۆنىلىشى تېز سۈرئەتتە پاكىز ۋە تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، ئېلىمىز بولسا دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە تىپىنى پاكىزلىققا ئۆزگەرتىشتىكى باشلامچى دۆلەت بولۇپ قالدى.

    خەلقئارا ئېنېرگىيە ماگناتى BP گۇرۇھى شاڭخەيدە ئېلان قىلغان «BP دۇنيا ئېنېرگىيە ئىستاتىستىكا يىلنامىسى» دە كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى دۇنيادا ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش (سۇ ئېنېرگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ئاشقان، بۇنىڭدا جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ قالغان.

    نۆۋەتتە، ھاسىلىي ئېنېرگىيە يەر شارى بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا پەقەت %4 نى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتىدۇ. 2016-يىلى ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ئېشىش مىقدارى يەر شارى ئېنېرگىيە يېڭى ئېشىش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015-يىلىدىكى %6.7 تىن 2016-يىلىدىكى %7.5 كە يەتكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364505421